خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ ئون يىللىقىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 23-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئون يىللىق ئادالەتسىزلىككە جەزمەن خاتىمە بېرىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.
باياناتتا ئىلھام توختىغا ئارتىلغان «جىنايەتلەر» نىڭ پۈتۈنلەي يېزىقچىلىق ۋە ئوقۇتقۇچىلىق جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئىكەنلىكى، بۇ خىل قاماقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان سىستېمىلىق باستۇرۇشنىڭ جانلىق ئىنكاسى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن. شۇنىڭدەك ئىلھام توختىغا ئوخشاش تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلغۇچىنىڭ قاماققا ھۆكۈم قىلىنىشى ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى باستۇرۇشنىڭ قانچىلىك دەرىجىگە يېتىپ بارغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
باياناتقا قوشۇمچە تەرىقىسىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا يوللاشقا بولىدىغان تەييار تېكىست بېرىلگەن بولۇپ، ھەرقانداق كىشى ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي ئېلخەت ئادرېسى ئارقىلىق ئەۋەتىشكە بولىدىكەن. خەتتە ئىلھام توختىغا ئارتىلغان «بۆلگۈنچىلىك جىنايىتى» نىڭ پۈتۈنلەي ئاساسسىز تۆھمەت ئىكەنلىكى، ئىلھام توختىغا ئارتىلغان «پىكىر جىنايىتى» نىڭ قانۇنىي ئاساسى يوقلۇقى، شۇڭا ئۇنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش كېرەكلىكى ئېيتىلغان.
ئىلھام توختى 2014-يىلى 23-سېنتەبىردە ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، سوتنىڭ ئادىل بولمىغانلىقى ۋە ئاشكارا ئۆتكۈزۈلمىگەنلىكى كۆپ تەرەپلىمە ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولغان ئىدى.