ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختىنىڭ «مارتىن ئېنالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاىتى» غا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.10.15


خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ «مارتىن ئېنالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشىشى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئېلىپ كەلدى.

خەلقئارا تاراتقۇلار بۇ ھەقتە بەس - بەستە خەۋەر بېرىۋاتقان بىر پەيتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىلھام توختى دېلوسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ خىتاي ئاساسىي قانۇنى دائىرىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي مىللىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىشتىكى ئەڭ ئاخىرىقى ئۈمىدىنى يوققا چىقاردى،» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 12 - ئۆكتەبىر كۈنى ئىلھام توختىنىڭ «مارتىن ئېنالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىتېتىغا ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ئالاھىدە تەشەككۈر بايان قىلدى. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: «ئىلھام توختى بېيجىڭدىكى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئوقۇتۇش ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلىرىدا ھەمدە ئۆزى تەسىس قىلغان "ئۇيغۇر بىز" تورىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەق - ھوقۇقلىرى ئۈچۈن شۇنداقلا ئۇيغۇر - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ باراۋەرلىك ئاساسىدا ياخشىلىنىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ بۇ تىرىشچانلىقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يولسىزلارچە رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.»

باش شىتابى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىمۇ ئىلھام توختىنىڭ «مارتىن ئېنالىس مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كۈندىن - كۈنگە يامانلىشىۋاتقان مىللىي ۋە دىنىي جەھەتلەردىكى زۇلۇم ھەمدە ئىنسان ھەقلىرى كىرزىسىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىندى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.