ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ئىلھام توختى ۋە ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 28 دۆلەتنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئەلچىلىرى جۈمە كۈنى ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. بۇ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى 28 دۆلەت ئەلچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى تەنقىد قىلىشىدۇر.

ئۇلار «خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي تۈرمىسىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبو، ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتايدا سۆز ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «بۇ ئەھۋال كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى، ئادۋوكاتلار ۋە دىنىي ياكى ئېتىقاد ئەركىنلىكى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىنىشى، تۇتقۇن قىلىنىشى ۋە جازالىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى» دېيىلگەن.

ئۇنىڭدا يەنە، ئۈرۈمچىدە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان پائالىيەتچى جاڭ خەيتاۋ، تىبەتلىك تۇتقۇن جاشى ۋاڭچۇر ۋە لى خېپىڭ، ۋاڭ چۈەنجاڭ، شيې ياڭ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئادۋوكاتلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيەنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسى مايكېل كلاۋب، ئەلچىخانا تورىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا، يېقىندا يوقاپ كەتكەن كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى جياڭ تيەنيۇڭنىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جياڭ تيەنيۇڭ ۋە باشقا تۇتقۇنلارنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلدى. گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرى سىگمار گابرېيال جياڭ تيەنيۇڭ بىلەن بۇ يىل 11-ئاينىڭ باشلىرى خىتاينى زىيارەت قىلغاندا كۆرۈشكەن.