دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خەلقئارا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىلزات ئەخمەتجاننى كۈتۈۋالغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 4-يانۋار بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ھۆسەيىن ئىبراھىمنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئىلزات ئەخمەتجاننى كۈتۈۋالغانلىقى ۋە ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىسلام دىنىنى چەكلىشى، ئۇنى جىنايەتلەشتۈرۈشى ۋە جازالىشىنى ئىختىيارى بىلەن قوللىماقتا. خىتاي كومپارتىيەسى ئەمەلدارىنىڭ مۇقەددەس زېمىننى زىيارەت قىلىشى، ئۇنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاقلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشى يىرگىنچلىك» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇچرىشىش ئىلزات ئەخمەتجان باشچىلىقىدىكى خىتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە قارىتا ئېلىپ بارغان زىيارىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

ئىلزات ئەخمەتجان باشچىلىقىدىكى ئۆتكەن ھەپتە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنى زىيارەت قىلىپ، ئەبۇ زەبىدە «دۇنيا مۇسۇلمان مىللەتلىرى كېڭىشى» نىڭ رەئىسى ئالىي راشىد ئەل نۇئامى بىلەن كۆرۈشكەن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، ئىككى تەرەپنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم بولغان «ئاشقۇنلۇققا» قا قارشى تۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېمىلاردا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئالىي راشىد نائۇمى ئۆتكەن يىلى بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ئۆلىمالىرىنى باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا زىيارەتتە بولغان. ئۇ، زىيارەتتە خىتاينىڭ غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان «شىنجاڭ سىياسىتى» نى ئاقلاپ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەربتىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغانىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىزچىل رەۋىشتە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارشى سادىر قىلىۋاتقان ۋەھشىي جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلماي كەلمەكتىكەن. ئىلزات ئەخمەتجاننىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى بۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆرۈپ چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر پەيتتە، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى زىيارەت قىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.