ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورتى 50 پىرسەنت ئارتقان

خىتاي تاموژنا دائىرىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان ئىمپورت-ئېكسپورت سودىسى ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 50 پىرسەنت ئارتقان.

ئۈرۈمچى تاموژناسى 4-فېۋرال خىتاي تاراتقۇلىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، رايوننىڭ 2023-يىللىق ئومۇمىي ئىمپورت-ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئاز كەم 80 پىرسەنتىنى ئۇيغۇر رايونىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە چىقارغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارى 2023-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە 246 مىليارد 570 مىليون دوللارلىق مال ئېكسپورت قىلغان ئىكەن. لېكىن ھەممىدىن بەك دىققەت قىلارلىق نۇقتىسى، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنىسازلىق ۋە ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار ئېكسپورتىنىڭ شىددەتلىك ئارتىشىدۇر. بۇ سانلىق مەلۇمات، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدىن ئوتتۇرا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارقىلىق رۇسىيەگە ماشىنىسازلىق ئەسۋابلىرىنى ئېكسپورت قىلىپ، ئۇنىڭ ئۇكرائىنا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىغا ياردەم بېرىۋاتامدۇ، دېگەن گۇمان پەيدا بولغان بىر ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىققان.

يېقىندا «دىپلومات» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدا، قىرغىزىستان ۋە ئۆزبېكىستانلارنىڭ رۇسىيەگە ماشىنىسازلىق ئەسۋابلىرى ئېكسپورتىنىڭ جىددىي ئارتقانلىقى، بۇ مەھسۇلاتلارنىڭ قوشنا دۆلەتتىن ئىمپورت قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكى قەيت قىلىنغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2023-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدىن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە 73 مىليارد 940 مىليون دوللارلىق ماشىنىسازلىق-ئېلېكترونلۇق بۇيۇمى ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، بۇ ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ 30 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن. خەۋەرلەردە، 2023-يىللىق ئومۇمىي ئېكسپورت مىقدارىنىڭ 23.2 پىرسەنت، ماشىنىسازلىق ۋە ئېلېكترونلۇق بۇيۇملار ئېكسپورتىنىڭ ئالدىنقى يىلقىدىن 72.3 پىرسەنت ئارتقانلىقى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئەڭ كۆپ مال ئېكسپورت قىلغان رايون بولغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. لېكىن ئادرىيان زېنزگە ئوخشاش چەت ئەل تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، يېقىنقى 3-4 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسى ئۆزگىرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ كۆلىمى تېخىمۇ كېڭەيگەن.