ئامېرىكا تاماشىبىنلىرىغا تونۇشلۇق بولغان تېلېۋىزىيە رىياسەتچىسى فەرىد زەكەرىيە يېقىندا CNN تېلېۋىزىيەسىنىڭ «دۇنياۋى ئاممىۋى مەيدان» پروگراممىسىدا پاكىستان باش مىنىستىرى ئىمران خان بىلەن سۆھبەتتە بولدى ھەمدە مەخسۇس ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭدەك يېڭىلا خىتاي سەپىرىدىن قايتىپ كەلگەن ئىمران خاندىن: «سىز دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان پاكىستاننىڭ رەھبىرى تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى قوللايسىز؟» دەپ سورىغان. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر دىيارىدىكى قىرغىنچىلىق تۈپەيلىدىن ئامېرىكا، كانادا قاتارلىق بىرقىسىم غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ساھىبخانىلىق قىلغان بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللارغا قارىتا ئىزچىل «بىلمەس» بولۇپ كېلىۋاتقان ئىمران خان بۇ قېتىم باشقىچىرەك جاۋاب بەرگەن. ئۇ پاكىستاننىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مويىن ئۇل ھەقنىڭ ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردا ئېكىسكۇرسىيەدە بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ بۇ جەرياندا غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تىلغا ئېلىنغان قىرغىنچىلىق ھەمدە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق ئەھۋالنى كۆرمىگەنلىكىنى مىسال كەلتۈرۈپ: «شىنجاڭدا ئۇنداق ئىش يوقكەن. ئەمما مېنىڭ چۈشەنمىگىنىم دۇنيا نېمە ئۈچۈن ھىندىستان بىلەن پاكىستان تالىشىپ كېلىۋاتقان كەشمىر رايونىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان مىڭلىغان كىشىلەر ھەققىدە سۆز قىلمايدۇ؟» دېگەن.
فەرىد بولسا قايتۇرۇپ سوئال قويۇپ: «سىز كەشمىردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالى شىنجاڭدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىدىنمۇ ناچار، دېمەكچىمۇ؟» دېگەندە ئىمران خان ئۆزىنىڭ بۇنداق سېلىشتۇرما قىلماقچى ئەمەسلىكىنى، ئەمما كەشمىر مەسىلىسىنىڭ دىققەتتىن چەتتە قېلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. ئاخىرىدا فەرىد ئۇنىڭدىن «سىز خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ئىشلارنى ئەيىبلەمسىز؟» دەپ قايتىلاپ سورىغاندا ئىمران خان ھازىر سوغۇق ئۇرۇشنىڭ قايتىدىن باشلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق ئەھۋالدا مەلۇم بىر تەرەپنىڭلا گېپىگە ئىشىنىشنىڭ ئاقىلانىلىك بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ گەپنى ئېلىپ قاچقان.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدىكى ئېنېرگىيە ئىمپورت ئىشلىرى ئۈچۈن ئېھتىيات تەييارلىقى، دەپ قارىلىۋاتقان «خىتاي-پاكىستان ئىقتىسادىي كارىدورى قۇرۇلۇشى» غا خىتاي ھۆكۈمىتى 47 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سالغان ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى «قەرز دىپلوماتىيەسى» گە ئىلىنىپ قالغان كۆپلىگەن ئىسلام دۆلەتلىرى ئوخشىمىغان سورۇنلاردا ئىزچىل خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھىمايە قىلىپ سۆز قىلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
