تالىبان كۈچلىرى نەچچە يىللىق ئېغىر زەربىدىن ھالسىراپ «ئەمدى ھېچقانداق تەھدىت بولالمايدۇ» دەپ قارىلىشقا باشلىغاندا، ئۇلارنىڭ بىر يۇمۇلاپلا ئافغانىستاننىڭ ئىگىسى بولۇپ قېلىشى نۇرغۇن كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويغان. ھالبۇكى، «ۋول-سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 17-ئاۋغۇستتىكى تەھرىرات ماقالىسى بۇنىڭدا پاكىستان رەھبىرى ئىمران خاننىڭ مۇھىم «تۆھپىسى» بارلىقىنى تەكىتلىگەن.
ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئىمران خان تالىبانلارنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى ھەققىدە سۆز قىلىپ: «ئافغان خەلقى ئەمدى قۇللۇقنىڭ ئاسارىتىدىن خالاس بولدى،» دېگەن. شۇنىڭدەك ئۇ پاكىستاندا ئېنگلىز تىلىدىكى مائارىپ مۇئەسسەسەلىرىنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشىنى «مەدەنىيەت كونتروللۇقى» دەپ تەنقىدلىگەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئافغانىستاننىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى رايونلار تالىبان كۈچلىرىنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە يېقىندا ھەربىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈك قازىنىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. بۇ جايلار بىلەن تۇتاش بولغان پاكىستان تېرىتورىيەسىمۇ تالىبانلارنىڭ «جەننەت» لىرىدىن بىرى بولغان. ئون يىلنىڭ ئالدىدا ئوساما بىن لادېنمۇ دەل پاكىستاندىكى مۇشۇ جايغا يوشۇرۇنغان. ئەمدىلىكتە بولسا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى بولغان ئىمران خان باشقۇرىۋاتقان پاكىستاننىڭ بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى تالىبانلارنىڭ كابۇلغا بېسىپ كىرىشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىغانلىقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئەجەللىك خاتالىق بولغانلىقى بارغانسېرى ئاشكار بولۇشقا باشلىغان.
سىياسىي ئوبزورچى ۋالتېر مېد بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستاندا غەلىبە قىلىشىدىكى ئەڭ زور توسالغۇ ئەمەلىيەتتە بىز ئەينى ۋاقىتتا ‹ئىتتىپاقداش› دەپ قارىغان پاكىستاننىڭ تالىبان كۈچلىرىنى توختاۋسىز قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بولدى،» دېگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىمران خان كۆپ قېىملاپ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىمەيدىغانلىقىنى، چۈنكى پاكىستانغا ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ قەدىناس دوست ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى.