خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىن ئىنتېرنېت تورىغا مۇناسىۋەتلىك 1700 دىن ئارتۇق دېلونىڭ بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى مەلۇم.
ئىگىلىنىشىچە، 8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە تېلېگراف ۋە ئىنتېرنېت تورى سىستېمىسىدا يېڭى تىپتىكى قانۇنسىز جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش خىزمەت يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان.
مەزكۇر يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئىنتېرنېت تورىغا مۇناسىۋەتلىك دېلودىن 1703 نى پاش قىلغانلىقى، جەمئىي 226 نەپەر گۇماندارنى تۇتقانلىقى ۋە بىر تەرەپ قىلغانلىقى دوكلات قىلىنغان.
مەزكۇر يىغىندا يەنە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ باشچىلىقىدا بانكا ۋە تېلېگراف ئالاقىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش بويىچە بىر مەركەز تەسىس قىلىش قارار قىلىنغان. بۇ مەركەزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تور ساھەسىدە ھەرقانداق شەكىلدىكى «قانۇنسىز» جىنايى قىلمىشلارغا يول قويماسلىق، «قارا ئاڭلىتىش» قا قاتتىق زەربە بېرىش ھەمدە تور بىخەتەرلىكى تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
كۆزەتكۈچىلەر، يېقىندىن بۇيان خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىنتېرنېت تورىغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش ۋە تەقىپلىرىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كۈچەيگەنلىكىگە دىققەت قىلماقتا.
