خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۇيغۇر دىيارىدا زىيارەتتە بولدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016.06.05

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى جاڭ جۈن 2-3- ئىيۇن كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە زىيارەتتە بولۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كومپارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە زەربە بېرىش خىزمەتلىرى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

شىنخۇا تورىدىكى بۇ ھەقتىكى ئۇچۇردا قەيت قىلىنىشىچە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇئاۋىن سېكرېتارى جاڭ جۈن ئۈرۈمچى شەھىرى سانجى ۋە باشقا بىر قىسىم رايونلارنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىىڭ پارتىيە ئىستىلى قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمەتلىرى ئەھۋالىغا ئائىت دوكلاتلىرىنى ئاڭلىغان

ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ساھەسىنىڭ پارتىيە ئىستىلىنى ياخشىلاش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەندىن كېيىن باشلىغان چىرىكلىككە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە  خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بىيوروسىدىن تارتىپ ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەرگىچە بولغان يۇقىرى قاتلامدا بىر تۈركۈم كىشىلەر چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ جازالانغاندىن سىرت يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىمۇ بۇ خىزمەت ئېلىپ بېرىلىپ، بىر قىسىم نازىر ، مۇئاۋىن نازىر ، ناھىيە دەرىجىلىك رەھبىرى شەخسلەر جازالاندى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپى ئالىمجان مەمتىمىن قاتارلىقلارمۇ بار . شۇنىڭدەك سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇئەن دەۋرىدە يۇقىرى رەھبەرلىك ئورنىغا چاغان ياڭ گاڭ ،لى جى ۋە باشقىلارمۇ بار ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.