ئىران ۋەكىللىرى ئۆمىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن
2024.07.04
7-ئاينىڭ 3-كۈنى ئۇيغۇر رايونىغا زىيارەتكە كەلگەن ئىران دۆلەت مەنپەئەتىنى بەلگىلەش كومىتېتى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۇي، ھۆكۈمەت رەئىسى ئەركىن تۇنياز قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن.
خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» ، «شىنجاڭ گېزىتى تورى» نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراندىن كەلگەن بۇ ئۆمەكنىڭ زىيارىتى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن 8-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋرو ئاسىيا سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشقان ئىران سودا ۋەكىللىرى ئۆمىكىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىنلا ئېلىپ بېرىلغان. ما شىڭرۇي ئۇلارغا قىلغان سۆزىدە، بۇ قېتىمقى سودا يەرمەنكىسىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان ئىراننىڭ «شىنجاڭ بىلەن تېخىمۇ كەڭ مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى، نېفىت-تەبىئىي گاز ئېنېرگىيەسى، خەۋپسىزلىك ۋە مەدەنىيەت ساھەلىرىدە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. ما شىڭرۇي يەنە ئىران بىلەن خىتاينىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ سودا چەكلىمىسىگە ئۇچرىغان دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى، ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ «شىنجاڭ مەسىلىسىدە خىتاينى قارىلىغانلىقىنى، يالغان-ياۋداقلارنى توقۇپ خىتايغا سودا چەكلىمىسى قويغانلىقى» نى، بۇ ئەھۋالدا ئىران بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىيات بەرپا قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئىران دۆلەت مەنپەئەتىنى بەلگىلەش كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە خەۋپسىزلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل رەئىسى نىزامىپىر ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە قىلغان سۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنىڭ دەرۋازىسى ۋە مۇھىم يولى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر رايونى بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىران ئىزچىل ھالدا خىتاينى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاينىڭمۇ ئىراننى ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئامېرىكاغا قارشى بىرلىك سەپ قۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكا شەرق-غەرب تەتقىقات مەركىزىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى دىنىي روي (Denny Roy) يېقىندا ئېلان قىلغان «غەززە نېمىشقا شىنجاڭدىن كۆپ دىققەت قوزغايدۇ» ناملىق ماقالىسىدە، ھازىر ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىنكار قىلىپ، خاماسنى قوللاۋاتقان رۇسىيە، ئىران، شىمالىي كورېيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بىرلىشىپ، مۇستەبىت دۆلەتلەر ئىتتىپاقى شەكىللەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.