ئىراقتا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش يۈز بېرىپ كۆپ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى


بب بس ئاگېنتلىقى يەكشەنبە كۈنى ئىراق پايتەختى باغدادنىڭ جەنۇبىدىكى خىلادىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا ماي توشۇپ ماڭغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى پارتلاپ، ئاز دېگەندە 47 ئادەم ئۆلگەن ۋە نەچچە ئون كىشى يارىلانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئارقىدىن رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈش خاراكتېرلىق پارتلىتىش ھۇجۇمى بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاز دېگەندە 60 قا، يارىلانغانلار 70 كە يەتكەن. «ئىسلام دۆلىتى» بۇ ۋەقەنى زىممىسىگە ئالغان.

ئۆلگەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى پۇقرالار، ئاز قىسىم ساقچىلار ئىكەن. پارتلاش تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئادەم كۆپەيگەن، بىر قانچە ئونلىغان ئاپتوموبىللار نوۋەت كۈتۈپ تۇرغان پەيتتە يۈز بەرگەن.

ب ب س نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆتكەن ئايدا ئىراقتا 670 ئادەم ھۇجۇملاردا ئۆلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسىمىنى تىنچ پۇقرالار تەشكىل قىلىدىكەن.