ئامېرىكا سوتى ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى پارتىيەسىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى ئىرفان دېمىرتاشقا 7 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016.12.24

يېقىندا ئامېرىكا سوتىنىڭ ئىرفان دېمىرتاش ئىسىملىك بىر كىشىنى «ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى» پارتىيەسىنىڭ ئاكتىپ قوللىغۇچىسى دېگەن جىنايەت بىلەن 7 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى مەلۇم.

ئازاتلىق رادىيوسىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىرفان دېمىرتاشنىڭ سوت ھۆكۈمى 20-دېكابىر كۈنى چىقىرىلغان ئىكەن. سوت ھۆكۈمىدە ئۇنىڭ 2006-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا پاكىستان، ئافغانىستان، تۈركىيە، ئىئوردانىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە ۋە باشقا ئەللەردە ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى پارتىيەسى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش ھەرىكىتى بىلەن شوغۇللانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

تۈركىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ قوش ۋەتەندىشى بولغان ئىرفان دېمىرتاش ئۆتكەن يىلى گېرمانىيەدە قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى ئامېرىغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئامېرىكا سوتى دېمىرتاشنىڭ جازا مۇددىتى توشقاندىن كېيىن ئۇنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا سوتى يەنە ئىرفان دېمىرتاشنىڭ قالغان 62 ئايلىق جازا مۇددىتىنى فرانسىيە تۈرمىسىدە ئۆتەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى پارتىيەسى 1991-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ كۈرەش نىشانى ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ شەرىئە قانۇنى بويىچە دۆلەت باشقۇرىدىغان بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش ئىكەن. ئۆزبېكىستان ئىسلام ھەرىكىتى پارتىيەسى ئۆزبېكىستان ۋە پاكىستانلاردا بىر قاتار قۇراللىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولۇپ، 2001-يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ خەلقئارادىكى «تېررورلۇق تەشكىلاتلار» تىزىمىگە كىرگۈزۈلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.