«ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قارارى جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتى ۋەزىپىدىن ئايرىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن نۆۋەتتىكى جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەقتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقى دىققەت نۇقتىسى بولماقتا.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر بۇ قارار جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارايدىكەن. بولۇپمۇ ئۇلار جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە شېرىك دۆلەتلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە ھەمكارلىشىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكادىكى مىراس فوندىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سىياسەت ئانالىزچىسى ئولىۋىيا ئېنوس يۇقىرىدىكى گېزىتكە قىلغان سۆزىدە «بايدېن ھۆكۈمىتى بۇ قارار بويىچە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، زۇلۇمغا چېتىشلىق تېخىمۇ كۆپ شەخس ۋە ئورۇنلارغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش مەسىلىسىنى مۇھىم مەسىلە قىلىپ بېكىتىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى كۈرەش قىلىشى مۇمكىن» دېگەن.

ئېنوس خانىم يەنە «خىتايمۇ قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنىڭ سوراقسىز قالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى»، دېگەن.

ئامېرىكادىكى كولورادو ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى داررېن بايلىر «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بەلگىلەش، چەتئەللەردىكى شىركەتلەرنى ئۇنىڭ رايوندىكى تەمىنلەش زەنجىرلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشكە مەجبۇرلىشى، 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى خىتايدىن يۆتكەش چاقىرىقلىرىنى كۈچەيتىشى ۋە چەتئەللەردە ئۇيغۇرلارنىڭ پاناھلىنىش ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشى مۇمكىن» دېگەن. ئۇ ھازىر دەماللىققا بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشنىڭ قېيىنلىقىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە، كانادا ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ بۇ زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدىمۇ جوۋ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق ھەمكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلگەن.