ئانالىزچىلار: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەك-شۈبھىسىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر»

19-يانۋار، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سابىق مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زۇلۇمىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىغاندىن كېيىن، سىياسىي ئانالىزچىلار ھەر قايسى ئاخبارات سەھىپىلىرىدە كۆپلىگەن ماقالە-ئوبزۇرلارنى ئېلان قىلدى.

26-نويابىر «زىمىستان» تورىدا «مايك پومپېيودىن ئانتونى بىلىنكىنغىچە: ئىرقىي قىرغىنچىلىق دېگىنىمىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، «˃مەنمۇ خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قارايمەن˂ دېگەن يېڭى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى نامزاتى ئانتونى بىلىنكىننىڭ بۇ مەيدانى، ئامېرىكانىڭ ئۆزگىرىشىنى ئۈمىد قىلغان خىتاينىڭ ئۈمىدىنى يوققا چىقاردى» دېگەن نۇقتا يورۇتۇپ بېرىلگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مايك پومپېيوغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچ بولۇپ كەتكەن ۋە ئۇنى ھاقارەتلەشتىن توختىمىغان. ئەمما ئانتونى بىلىنكېنمۇ ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغان ۋە ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. شۇنداقتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ يەنىلا يۇمشاپ قېلىشىنى ۋە مايك پومپېيونىڭ سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنى يېنىغا تارتىپ، «˃ئىرقىي قىرغىنچىلىق˂ دېگەن بۇ ئاتالغۇ چەكتىن ئېشىپ كەتتى، سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپمۇ بۇ ئاتالغۇنى ئىشلەتمىگەن، مايك پومپېيو ۋەزىپىدىن ئايرىلىش ئالدىدا بايدىن ھۆكۈمىتىگە قىيىنچىلىق تۇغدۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بۇ سۆزنى ئىشلەتتى» دېگەن تەشۋىقاتنى يۈرگۈزۈشكە باشلىغان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، مايك پومپېيو خىتاينىڭ جىنايىتىنى باھالاش ئۈچۈن مەخسۇس گۇرۇپپا ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، ئالدىراپلا بۇ ھۆكۈمنى چىقارغان ئەمەس. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىشى، قورساقتىكى بالىنى مەجبۇرىي چۈشۈرۈۋېتىشى، پەرزەنتلىرىنى ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىشى ۋە ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا تېگىشكە مەجبۇرلىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ مىللەتنى يوقىتىش جىنايىتىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. بۇلار شەك-شۈبھىسىز ئىرقىي قىرغىنچىلىقتۇر.