ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغان خىتاي دىپلوماتى ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا زىيارەتتە بولغان
2024.02.12
2021-يىلى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ لاگېرلارغا قامىلىشىنى تېررورلۇق ۋە رادىكاللىققا قارشى تۇرۇشتا «ئۈنۈملۈك بولدى» دەپ كۆرسەتكەن خىتاي دىپلوماتى خۇاڭ پىڭنىڭ يېقىندا ئامېرىكادىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلارنى زىيارەت قىلىپ نۇتۇق سۆزلىگەنلىكى مەلۇم بولغان.
ئامېرىكا «Fox خەۋەرلىرى» قانىلىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاينىڭ نيۇ-يوركتا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلى خۇاڭ پېڭ يېقىندا ئامېرىكانىڭ «بارۇك ئىنستىتۇتى»، «شەرقىي-شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى» ۋە «بوستون ئۇنىۋېرسىتېت» لىرىدا زىيارەتتە بولۇپ، بۇ ئورۇنلارنىڭ مەكتەپ مەسئۇللىرى، سودا ساھەسىنىڭ كەلگۈسى رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەتتە بولغان. «Fox خەۋەرلىرى» بۇ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغان ۋە كومپارتىيەنىڭ قىلمىشىنى مەدھىيەلىگەن بىر خىتاي دىپلوماتىنى كۈتۈۋېلىشىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
ئامېرىكانىڭ تاشقى سىياسەت ئىستراتېگىيەچىسى، «يۈز يىللىق مارافون» ناملىق كىتابنىڭ ئاپتورى مايكېل پىلسبۇرىي «Fox خەۋەرلىرى» نىڭ قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ «ئامېرىكا ئۇل ئەسلىھەلىرىگە تروۋا ئېتى» ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
خۇاڭ پېڭ 2021-يىلى ئامېرىكادىكى بىر تاراتقۇنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى رەت قىلىپ، بۇنى «بەزى كىشىلەر سىياسىي مەقسەتتە ئويدۇرۇپ چىقارغان يالغانچىلىق» دېگەن. ئۇ يەنە جازا لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىمۇ رەت قىلىپ، «بىز بۇ كىشىلەرنى بۇ ئورۇنلارغا تەربىيەلەش ئۈچۈن ئەكەلدۇق. بۇ تېررورلۇققا قارىشى تۇرۇش ۋە رادىكاللىقنى تۈگىتىشتە ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولدى» دېگەن.
«Fox خەۋەرلىرى» نىڭ ئېيتىشىچە، خۇاڭ پېڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى X تىكى ئۇچۇرىدا، شەرقىي-شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا ئىستراتېگىيەسىدىن تەسىرلەنگەنلىكى، بۇ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي تەسىسى قىلغان «ياشلار ئوقۇتۇش مۇكاپاتى» پروگراممىسىغا قاتنىشىپ، خىتاينى زىيارەت قىلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، شەرقىي-شىمال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ باياناتچىسى «Fox دىگىتال خەۋەرلىرى» گە قىلغان سۆزىدە: «بىز ۋەزىپىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرى بىلەن دائىم كۆرۈشۈپ تۇرىمىز» دېگەن.









