ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى راجا كىرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi) 14-فېۋرال كۈنى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا كەڭ كۆلەمدە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئاڭلىتىشقا تىرىشقان.
ئامېرىكا-خىتاي رىقابىتى ئالاھىدە كومىتېتى 14-فېۋرال كۈنى بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ X (تىۋىتتېر) ھېسابىدا ئېلان قىلغان ۋىدىيودا، راجا كىرىشنامورتى مۇنداق دېگەن: «23 مىليون ئۇيغۇر ياشاۋاتقان شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. خىتاي ئۇ جايدا 23 مىليون خەلقنىڭ كىملىكىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماقتا. 70 مىڭ ئايال مەجبۇرىي ھالدا تۇغماس قىلىندى، يۈز مىڭلىغان بالىلار ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىۋېتىلدى، 2 مىليوندىن 3 مىليونغىچە ئادەم يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامالدى. مەنچە بۇ، ئۇچىغا چىققان تەلۋىلىك. بىز بۇلارنى كۆرمەسكە سالالمايمىز».
ئۇنىڭدىن باشقا، 13-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ياڭ كىم تونۇشتۇرغان «ئۇيغۇر سىياسىتى قانۇن لايىھەسى» بىلەن، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ناتانىيىل موران (Nathaniel Moran) تونۇشتۇرغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئامېرىكا مەبلىغىدىن خالىي قىلىش قانۇن لايىھەسى» نىڭ تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن نۇسخىلىرى مۇزاكىرىگە قويۇلغاندا، ناتانىيىل موران ئۆزى سۇنغان قانۇن لايىھەسى ھەققىدە توختىلىپ: «ئامېرىكا كوممۇنىست خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ھەر قانداق ئۇسۇلدا شېرىك بولماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ‹ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئامېرىكا مەبلىغىدىن خالىي قىلىش قانۇن لايىھەسى› ئامېرىكادىكى باج تۆلىگۈچىلەر تۆلىگەن دوللارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىدىن پايدىلىنىدىغان خىتاي شىركەتلىرىگە كېتىپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن.