ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي پاجىئەلەرنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن قىسمەن شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار بۇ ھۆكۈمنى «سەل ئېغىر كېتىپ قالدى» دېگەن مەزمۇندا پىكىر قىلىپ كېلىۋاتقانىدى. ئامېرىكادىكى ئوقۇرمەنلىرى ئەڭ كۆپ بولغان ژۇرناللاردىن «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى 15-ئاپرېل كۈنى مەخسۇس ئوبزور ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى رېئاللىقنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» نىڭ بارلىق تەبىرلىرىگە تولۇق چۈشىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈردى.
ماقالىدا ئالاھىدە قىلىپ بەزىلەرنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا نۆۋەتتە «زور كۆلەملىك قىرغىن بولۇۋاتقىنى يوق. شۇڭا ئۇنى قىرغىنچىلىق دېيىش مۇۋاپىق ئەمەس» دېگەن سۆزلىرىنىڭ قىلچىلىكمۇ ئاساسى يوقلۇقى تەكىتلەندى. چۈنكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى تەبىرىدە «غەرەزلىك ھالدا مەلۇم بىر مىللەتنى پۈتۈن ياكى قىسمەن يوق قىلىش قىلمىشى قىرغىنچىلىق بولىدۇ» دەپ ئېنىق بېكىتىلگەنىكەن. يەنە كېلىپ بۇنىڭدا مانچىلىك ئادەم ئۆلۈشى لازىم، دەيدىغان ئۆلچەممۇ مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن. مۇھىمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قەستەن» ۋە «غەرەزلىك» ھالدا ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئۆزى قىرغىنچىلىققا تولۇق چۈشىدىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تىل، مەدەنىيەت، تۇغۇت، تۇرمۇش ئادەتلىرى قاتارلىق ساھەلەردە قىلىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى «غەرەزلىك» ھالدا ئۇيغۇرلارنى يوق قىلىشتەك ئورتاق بىر نەتىجىنى كۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاش ھېچقاچان خاتا بولمايدىكەن.