9-سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ «ئىنتېرنېت خەۋەرلىرى» تورىدا كاھال مىلمو (Cahal Milmo) ئىسىملىك ئاپتورنىڭ «پارلامېنت ئەزالىرى خىتاينى ناتسىستلار گېرمانىيەسى بىلەن سېلىشتۇردى، چۈنكى خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزدى» ناملىق بىر ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
بۇ ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، ئەنگلىيەدىكى كونسېرۋاتىپلار ۋە دېموكراتلاردىن بولۇپ 120 پارلامېنت ئەزاسى ئىمزا قويغان بىرلەشمە مەكتۇپتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا سىستېمىلىق، پىلانلىق ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى ئەيىبلەنگەن. مەكتۇپتا بېرىلگەن باياناتنامىدە خىتاي ھۆكۈمىتى قىلچە مۇرەسسەسىز ھالدا ناتسىستلار گېرمانىيەسى بىلەن بىللە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا مىسال سۈپىتىدە پويىزدىن چۈشۈرۈلگەن، تاقىر باش قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇرلار بىلەن ناتسىستلار لاگېرىدىكى مەھبۇسلارنىڭ كىشىنى شۈركۈندۈرىدىغان ئوخشاش تەرەپلىرى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.
بۇ بىرلەشمە مەكتۇبنى ئەنگلىيە ئىشچىلار پارتىيەسىدىن سايبەيىن مەكدونا (Siobhain McDonagh) تەييارلىغان بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيە ئەمەلدارلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان جىنايىتىنى ئەڭ قاتتىق ئەيبلەۋاتقانلاردىن بىرى ئىكەن. خىتاينىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىغا سۇنۇلىدىغان بۇ مەكتۇپقا يەنە يېڭى سايلانغان دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى، ئاۋام پالاتاسى دىپلوماتىيە ئالاھىدە كومىتېتىنىڭ رەئىسى توم تاگېندانت (Tom Tugendhat) بىلەن ئەنگلىيە قوراللىق قىسمىنىڭ سابىق قوماندانى Lord Dannat (Lord Dannat) قاتارلىقلار بار ئىكەن.
بۇ مەكتۇپ ئاقساراينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىن پاختا ۋە پەمىدۇر مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا يوللانغان. چۈنكى بۇ مەھسۇلاتلار قۇل قىلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قان-تەرىدىن كەلگەن مەھسۇلاتلار دەپ قارالغان.
