دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بايانات ئېلان قىلىپ، 12-ئۆكتەبىر خىتاي زىيارىتىنى باشلىغان ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقىي ئىشلار ۋە خەۋپسىزلىك ئالىي كومىسسارى جوسېپ بورېل (Josep Borell)نىڭ خىتاي زىيارىتىدە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان. باياناتتا قەيت قىلىشىچە، «ئالىي كومىسسار جوسېپ بورېلنىڭ زىيارىتى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆزلەش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان دۆلەت ھامىيلىقىدىكى مەجۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنىڭ ئاچقۇچلۇق پۇرسىتى» ئىكەن.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «باستۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق بېشارەت يوق. بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېقىندا شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قەيت قىلىشىدىن كېيىن، باستۇرۇش سىياسىتى تېخىمۇ كۈچىيىدىغاندەك قىلىدۇ».
جوسېپ بورېلنىڭ خىتاي زىيارىتى بۇ يىل 4- ۋە 7-ئايدا ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم كېچىكتۈرۈلگەن كېيىن، ئۇنىڭ 12-ئۆكتەبىر شاڭخەيگە يېتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم. «ياۋرو خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، جوسېپ بورېلنىڭ زىيارىتىنىڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرى، ياۋروپا كومىتېتىنىڭ بۇ يىل 3-ئايدا ئوتتۇرىغا قويغان ستىراتېگىيەلىك ساھەلەردە خىتايغا تايىنىش «خەۋپىنى ئازايىش» مەسىلىسى ئىكەن. خەۋەردە يەنە جوسېپ بورېلنىڭ 13-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن 12-قېتىملىق «ياۋروپا-خىتاي ئىستىراتېگىيەلىك دىئالوگى» نى ئۆتكۈزىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
«ياۋرو خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر دىيالوگدا بېيجىڭنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى پوزىتسىيەسى، تەيۋەن مەسىلىسى، كىشىلىك ھوقۇق، ھاۋا كىلىماتى، ئىقتىسادىي ئىشلار، يەر شارى قەرز مەسىلىسى ۋە كۆپ تەرەپلىمىلىك سىستېمىنىڭ فونكىتسىيەسى قاتارلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقىي ئىشلار كومىسسارىياتىنىڭ كۆپ قىرلىق مەسىلىلەر دىرېكتورى بېلېن مارتېنىز كاربونېل، «ئاتلانتىك كېڭىشى» نىڭ 19-سېنتەبىر نيۇ-يوركتا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق يىغىنىدا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى «ياۋروپا-خىتاي باشلىقلار يىغىنى» نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر دەرىجىلىك سەھنىلەردە داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
