خىتاي بويىچە ئىشلەمچىلەر ماجىراسى 5 يىلدا 10 ھەسسە ئۆرلىگەن

ئامېرىكىدىكى «سودا تورى» نىڭ 14-مارت ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، خىتايدىكى ئىشلەمچىلەر ماجىرالىرى 5 يىلدا 10 ھەسسە ئۆرلىگەن.

مەزكۇر ماقالىدە خوڭكوڭدا چىقىدىغان «جۇڭگو ئىشلەمچىلەر خەۋەرلىرى» ژۇرنىلىدىكى ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، 2015-يىلى خىتايدا ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش تاشلاش ۋەقەسى 2944 قېتىمغا يەتكەن. 2014-يىلى 1300 قېتىمدىن ئارتۇق ئىش تاشلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ھالبۇكى 2011-يىلى يۈز بەرگەن ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش تاشلاش ۋەقەسى 185 قېتىم بولغان.

مەزكۇر ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش تاشلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللار ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىلىرى ھەققىدە جىددىي ئويلىشىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئىشلەمچىلەر ماجىرالىرىنىڭ كۆپىيىشى خىتايدىكى ئىجتىمائىي مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسىي ئامىللارنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.