خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ 10 پىرسەنتتەك ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى

خىتاي دائىرىلىرى ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق جازاسىغا ئۇچراپ، پاختا، پەمىدۇر قاتارلىق مەھسۇلاتلىرى چەكلەنگەن ۋەزىيەتتە ئۇيغۇر ئېلى ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئاز كەم 10 پىرسەنتتەك ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتى كۆزەتكۈچىلەردە قاتتىق گۇمان قوزغىغان.

ئۇلارنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى خورلىشى سەۋەبلىك نۇرغۇن داڭلىق خەلقئارا شىركەتلەر ئۇيغۇر ئېلىدىن چېكىنىپ چىققان، ئامېرىكا رايوندا ئىشلەپچىقىرىلغان پاختا، پەمىدۇر، قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلاتلارغا جازا قويغان شۇنىڭدەك يەنە كورونا ۋاباسى يۈز بەرگەن

ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنىڭ بۇنداق ئېشىپ مېڭىشى بەك گۇمانلىق ئىكەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسى 29-ئىيۇل ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى 6 ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلى GDP سىنىڭ 9.9 پىرسەنت ئاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان. دائىرىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بىرلىككە كەلگەن ھېسابلاش بويىچە بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىشى 732 مىليارد 890 مىليون يۈەنگە يېتىپ، مال باھاسى بويىچە ھېسابلىغاندا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن 9.9 پىرسەنت ئاشقان، ئىككى يىللىق ئوتتۇرىچە ئېشىش نىسبىتى 6.5 پىرسەنت بولغان.

بىراق كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ سانلىق ستاتىستىكىدا سىياسىي مەبلەغ، قوشۇمچە ياردەم پۇلى، مەجبۇرىي ئەمگەك، ھېسابلاش ئۇسۇلى قاتارلىق بازار ئىقتىسادىغا خىلاپ بولغان نۇرغۇن بىنورمال ئامىللار رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن ‍ئىكەن. كۆزەتكۈچلەر دائىرىلەرنىڭ بۇنىڭدا تېخىمۇ كۆپ كارخانىلارنىڭ رايوندىن قېچىشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي دائىرىلىنىڭ ئېيتىشىچە، رايوننىڭ GDP سى بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىمۇ بۇ سۈرئەت بىلەن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن.