دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىش» يىغىنى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ ئېغىرلىشىش ئەندىشىسىنى ياراتماقتا

11-مارت كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، بىڭتۇەن ۋە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى دۆلەت بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى بېيجىڭدا «دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كەسىپ ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى» ئاچقان.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىغىندا ما شىڭرۇي سۆز قىلىپ، دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى دۆلەت بايلىقى كومىتېتى ۋە مەركەزگە قاراشلىق كارخانىلارنىڭ باش سېكرېتار شى جىنپىڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» تە ھالقىلىق رول ئويناپ كەلگەنلىكىنى، بۇ كارخانىلارنىڭ «ئەمگەك كۈچىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم قىلىشى» نى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا، يەرلىكتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ئادەم ئېلىش، ئىش ئورنى، ۋەزىپىسى ۋە رولىغا قاراپ ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەرنى ئالدى بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ما شىڭرۇي يەنە چوڭ تىپتىكى كارخانىلارنىڭ «شىنجاڭدىكى ئىشسىزلارغا ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش» رولىنى ئالاھىدە ماختاپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغاندا «شىنجاڭنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ «ئىككى يىغىن» نى ئاخىرلاشقان كۈنىگە توغرىلانغان بۇ يىغىن خىتاي كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى «ئادەم كۈچى بايلىقى» غا جەلپ قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەكنى سىستېمىلاشتۇرۇش يىغىنى دەپ قارالماقتا. ئامېرىكادىكى «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ دوكلاتلىرىدا قەيت قىلىنىشىچە، ما شىڭرۇي ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كېلىنگەن 2021-يىلى 12-ئايدىن بېرى، رايوندا ئىشقا ئورۇنلىشىشنى نازارەت قىلىش سىستېمىسى قۇرۇپ، لاگېرلاردىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى خىتاي كارخانىلىرىغا يۆتكىگەندىن سىرت، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ «يۆتكەپ ‍ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» نامىدا كارخانىلارغا ئورۇنلاشتۇرغان.