ئامېرىكانى بېسىپ چۈشۈپ دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئايلىنىشنىڭ چوتىنى سوقۇۋاتقان خىتاينىڭ ئىقتىسادى نۆۋەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. «سودا ئىچكى خەۋەرچىسى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىقتىسادى دۇچ كەلگەن بۇ كرىزىسنىڭ نېگىزلىك سەۋەبى خىتاي ياشلىرىدىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسى بىلەن چېتىشلىق ئىكەن. «سودا ئىچكى خەۋەرچىسى» نىڭ 23-ئىيۇل مۇتەخەسسىسلەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە، بۇ يىلنىڭ 2-چارىكىدە خىتايدىكى 16 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ 21 پىرسەتكە چىققانلىقى، بۇ ئەھۋالنىڭ يۇقىرى ماھارەتلىك ۋە يۇقىرى مۇئاشلىق خىزمەتلەرنىڭ كەمچىللىكىدىن كېلىپ چىققانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدا يۇقىرى ماھارەتلىك ۋە يۇقىرى مائاشلىق خىزمەتلەرنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن نۇرغۇن خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىزمەت تاپالماسلىق مەسىلىسىنى پەيدا قىلماقتا ئىكەن. «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتى بۇ يىل 3-ئايدا بەرگەن بىر خەۋىرىدە، بۇ يىل خىتايدا 11 مىليون 600 مىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
«سودا ئىچكى خەۋەرچىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، «غەربىي-شىمال ئۇنىۋېرسىتېتى» دىن ئىقتىسادشۇناس نەنسى چياڭ، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزگەن بەزى تەدبىرلەرنىڭ ياشلاردىكى ئىشسىزلىقنى كۈچەيتكەنلىكى، ئۇنىڭ 2021-يىلدىن باشلاپ توردا دەرس ئۆتۈشنى چەكلەپ مەكتەپ بالىلىرىنىڭ بېسىمىنى ئازايتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭ تېخنىكا ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر قىلغانلىقىنى ئېيتقان. خەۋەردە يەنە يۇقىرى ماھارەت ۋە يۇقىرى مۇئاشلىق خزمەتلەرنىڭ كەمچىل بولۇشى، خىتايدا مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش مەدەنىيىتىنىڭمۇ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆسۈشى ئىزچىل ئاستىلاۋاتقان بولۇپ، بۇ يىلنىڭ باشلىرى يۇقۇم قامالى بىكار قىلىنغاندىن كېيىنمۇ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىش سۈئىتىنىڭ ئىنتايىن ئاستا بولۇشى كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرگەن. خىتايدا بازارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجى ئەسلىگە كەلمىگەچكە، يەر-مۈلۈك بازىرى ۋە زاۋۇتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئاستىلاپ، خىتاي ئېغىر دەرىجىدە پۇل پاخاللىقى خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئۆتكەن پەسىللىك ئۆسۈشى ئاران 6.3 پىرسەنت بولغان بولۇپ، بۇ مۆلچەردىكى 7.1 پىرسەتتىن كۆپ تۆۋەن ئىكەن.
