خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان چېكىدىن ئاشقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلانغانسېرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنداشلىرى بولغان مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى بۇ زۇلۇمغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدىغان سادالار كۆپەيمەكتە.
مانا بۇلارنىڭ بىرى بۈگۈن ئەنگلىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ئەل-ئەرەبىيە» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ماقالە بولۇپ، ماقالىدە مۇسۇلمانلار ئاھالىسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان دۇنيادىكى 53 دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پاسسىپلىقى تەنقىد قىلىنغان.
ماقالە ئاپتورى تونۇلغان ئوبزورچى ۋە تەتقىقاتچى ج س ۋېرلېمەن ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىدە داۋام قىلىۋاتقان لاگېر تۈزۈمى ۋە باشقا زۇلۇملار ھەققىدە شۇنچە كۆپ يېتەرلىك مەلۇماتلار توپلانغان تۇرۇقلۇق مەيلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولسۇن، مەيلى ئەرەب مۇنبىرى ياكى شەرقىي جەنۇبىي-ئاسىيا دۆلەتلىرى بىرلىكى قاتارلىق خەلقئارالىق زور ئورگانلارنىڭ ھېچبىرىنىڭ خىتاينى ھەقىقىي تۈردە ئەيىبلەيدىغان بىر باياننامىنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
ئۇ يەنە ماقالىسىدە ئەسكەرتىپ، «ئەمما بۇ سۈكۈتنىڭ مەركىزىدىكىلەرنىڭ دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ئاھالىسى كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان 53 دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى بولۇشى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر كرىزىسىنى ھەل قىلىشتا پاسسىپ تۇرۇۋېلىشى ۋە ھېچقانداق ھەرىكەت كۆرسەتمەسلىكى كىشىنى ئەڭ بىئارام قىلىدۇ،» دېگەن.
ئۇ ئىسلام ئەللىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا قىلىنىۋاتقان ناچار مۇئامىلىگە قايتۇرغان ئىنكاسلىرىدا غەرب دۆلەتلىرى بىلەن خىتايغا ئوخشىمايدىغان ئۆلچەم قويۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە، يۇقىرىدىكى بۇ 53 دۆلەتنى ۋە ئۇلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان «ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى» نى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زۇلۇمغا قارشى ئاۋاز چىقىرىپ، خىتايغا تەسىر كۆرسىتىشكە چاقىرغان.
