ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەكتۇپ يوللاش چاقىرىقى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020.01.15

ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان زۇلۇم ۋە باستۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ ھېسسىداشلىقنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە خەلقئارا ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ھەرقايسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىگە مەكتۇپ يوللاش چاقىرىقى ئېلان قىلدى.

15-يانۋار كۈنى مەزكۇر كومىتېتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى چاقىرىقتا ھەرقايسى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زىيانكەشلىك قىلمىشىنى ئەيىبلەشكە رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە مەركىزىي نۇقتا بولىدىغانلىقى ئېيتىلغان. شۇنىڭغا بىنائەن ئۇلار مۇسۇلمانلار دۇنياسى ياكى دۇنيانىڭ باشقا ھەرقانداق يېرىدىكى شەخسلەرنى ئالدىن تەييارلانغان چاقىرىق خېتىگە ئىمزا قويۇش ھەمدە ئۇنى مۇناسىۋەتلىك ئىسلام ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرىگە يوللاپ بېرىشكە چاقىرغان.

ئالدىن تەييارلانغان ئۆرنەك مەكتۇپتا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە دىنىي ھەقلىرىنىڭ تارتىۋېلىنغانلىقى، شۇ سەۋەبنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىشى لازىملىقى ھەمدە خىتاي بىلەن بولغان بارلىق ھەمكارلىقىنى بىكار قىلىش، بۇ ھالنى تاكى ئۇيغۇرلارغا بولۇۋاتقان زىيانكەشلىك ئاخىرلاشقىچە داۋاملاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. 

مەكتۇپ يوللىنىدىغان ئاساسلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى پاكىستان، ھىندونېزىيە، تۈركىيە، ئىران قاتارلىق جايلار بولۇپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە دەسلەپكى قەدەمدە ئويغىتىشتا مۇئەييەن رول ئوينىشى مۇمكىن، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.