خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاز دېگەندە ئىككى مىليون ئۇيغۇرنى قايتا تەربىيە لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنى جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئېغىر قىيناقلاردىن ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى تەرىپىدىن قاتتىق ئەيىبلىنىۋاتقان بىر پەيتتە بۇ مەسىلىدە جىم تۇرۇۋالغان دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈن كەشمىر مەسىلىسىدە ھىندىستاننى ئەيىبلەپ بايانات بېرىشى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
ئۆزىنى «دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق ئاۋازى» دەپ ئاتايدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى 15-ئاۋغۇست كۈنى ئۆزىنىڭ تۋىتتېردىكى رەسمىي ھېسابى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، «دىنى ھوقۇقلارنى رەت قىلىش خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلغانلىق شۇنداقلا يەنە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىگە ئېغىر ئازار بەرگەنلىكتۇر. بىز ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ كەشمىر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز،» دېگەن.
مەزكۇر بايانات دەرھال تۋىتتېردىكى كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كانادا شۆبىسىنىڭ باشلىقى فەرىدە دىياز بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرىقى سۆزىنىڭ توغرىلىقى، ئەمما ئوخشاش ئەھۋالنىڭ بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىليونلىغان مۇسۇلمانلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. فەرىدە خانىم تۋىتتېردىكى سۆزىدە «ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنى ھوقۇقلىرى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۇنىڭغا بىر قېتىممۇ ئاۋاز چىقارمىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى ئۆزىگە يېقىلغان يېشىل چىراغ دەپ قارىدى» دېگەن.
دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باياناتى يەنە تۋىتتېرنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ ئوخشاش ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىرغان.
دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەلقئارادىكى نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلارنىڭ چاقىرىقلىرى ۋە كۈچلۈك جامائەت پىكرىگە قارىماي ئۇيغۇر مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشنى داۋام قىلماقتا. مەزكۇر ئورگانغا ئەزا سەئۇدى ئەرەبىستان، قاتار، بەھرەين قاتارلىق نۇرغۇن مۇسۇلمان دۆلەتلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى قوللاپ ئوچۇق خەت يازغان 37 دۆلەت قاتارىدىنمۇ ئورۇن ئالغان.