ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارغا قارىماي خۇئاۋېي بىلەن ھەمكارلاشقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-04-02
Share

«ئوتتۇرا شەرق كۆزى» تورى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تور بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ خىتاي تېخنولوگىيە شىركىتى خۇئاۋېي بىلەن ھەمكارلىشىشى ئۇيغۇرلاردا ئەندىشە قوزغىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەزكۇر تورنىڭ 1-ئاپرېل بەرگەن خەۋىرىدە، خۇئاۋېينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىدىغان يۈز تونۇش يۇمتالى ئىشلەشكە قاتناشقانلىقى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بۇ شەركەت بىلەن شېرىكلىك مۇناسىۋىتى قۇرۇشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە، خۇئاۋېينىڭ ئۇيغۇرلارنى تەقىبلەشكە قاتناشقانلىقى كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، بىراق ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تور بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ يەنىلا ئۇنىڭ بىلەن شېرىكلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خۇئاۋېي شىركىتى 31-مارت ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى تور بىخەتەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسىغا ئايلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن شېرىكلەشكەن تۇنجى خەلقئارا شىركەت بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان. خۇئاۋېي شىركىتى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تور بىخەتەرلىك تېخنىكىسىنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىكەن.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قارارى دۇنيانىڭ ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئەپسۇسلاندۇرغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا «مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ كوللېكتىپ ئاۋازى بولغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خۇئاۋېي بىلەن شېرىكلىشىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. دەلىللەر خۇئاۋېينىڭ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ يۈز تونۇش يۇمشاق دېتالىنى تەرەققىي قىلدۇرغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، «ئەگەر ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇسۇلمانلار دۇنياسىنىڭ ئاۋازى بولىمەن دېسە، خىتاينىڭ جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشى، ئۇنىڭ شىركىتى بىلەن شېرىك بولماسلىقى كېرەك» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت