تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خاتالىقى ئۈچۈن خىتاي خەلقى جازالانماسلىقى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.09.14

ئامېرىكىدىكى «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژورنىلى ئۆزىنىڭ يېقىنقى سانلىرىدا «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» نىڭ باياناتلىرىغا كەڭ ئورۇن بېرىشكە باشلىغان. مەزكۇر ژورنال ئۆتكەن ھەپتىسىكى بىر خەۋىرىدە مەزكۇر گۇرۇھنىڭ ئۆزلىرىگە بايانات بېرىپ: «ئامېرىكانىڭ ئافغانىستاندىن چېكىنىشى خىتايغا قارشى تۇرۇشىنىڭ پۇرسىتى» دەپ كۆرسەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇ خەۋەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكادىن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى قايتىدىن «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» گە ئېلىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئېلان قىلىنغان ئىدى.

«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژورنىلى 12-سېنتەبىر «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» ھەققىدە يەنە خەۋەر بەرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ گۇرۇھنىڭ بىر باياناتچىسى «ئەگەر خىتاي يەر شارىدا چەكلەنمىسە، ئۇ بۈگۈن بىزنىڭ مەسچىتلىرىمىزنى چېقىپ، ‹قۇرئان› نى چەكلەپ، كىشىلىك ھوقۇقىمىزغا خىلاپلىق قىلغىنىدەك، كەلگۈسىدە دۇنيا ئۇنىڭ ‹تەۋرات› ۋە ‹ئىنجىل› نى چەكلەپ، چېركاۋلارنى مال قوتۇنىغا ئايلاندۇرغانلىقىغا شاھىت بولىدۇ،» دېگەن. مەزكۇر باياناتچىنىڭ «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گە ئېيتىشىچە، ئۇلار «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭلا ئەمەس، بارلىق دۆلەتلەر ۋە خەلقلەرنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.»

خەۋەردە بۇ باياناتچىنىڭ ئىسمى ۋە بۇ باياناتنى نەدە تۇرۇپ بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان. بىراق بۇ نامسىز باياناتچى يەنە: «خىتاي خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتى سادىر قىلغان خاتالىقلار ئۈچۈن جازالانماسلىقى لازىم …خىتاي خەلقى زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆزى ئاغدۇرۇپ تاشلىشى كېرەك،» دېگەن.

«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژورنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» نىڭ باياناتىغا قارىتا دەرھال ئىنكاس بىلدۈرمىگەن. لېكىن خەۋەردە، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل 6-ئايدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» نى «تېرورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى دەلىللىگەنلىكى تەكىتلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.