«يېڭى ئەرەب» گېزىتى: «قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە: خىتاينىڭ مودا كىيىم-كېچەك ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.06.23

ئەرەب دۇنياسىغا خىتاب قىلىدىغان «يېڭى ئەرەب» ناملىق تور گېزىتىدە خىتاينىڭ مودا كىيىم-كېچەك ساھەسىنى قانداق قىلىپ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بۇلغاۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر زور ھەجىملىك ماقالە ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر ماقالىگە «قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە: خىتاينىڭ مودا كىيىم-كېچەك ئارقىلىق ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى يوشۇرۇشى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.

مەزكۇر ماقالىدا خىتاينىڭ «شېيىن» ناملىق كىيىم-كېچەك ماركىسى نۇقتىلىق ھالدا مىسال قىلىنىپ تۇرۇپ، ئەرەب دۇنياسىدا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقان بۇ ماركىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەمگەكچىلەرنىڭ ھاياتى بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بەدىلىگە كەلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، «شېيىن» ئىنستاگرام ۋە تىك-توك قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىنى ئۈنۈملۈك قوللىنىپ تۇرۇپ ناھايىتى زور ئەگەشكۈچى توپلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەرەبچە تورىنىڭ ئۆزىدىلا 5 مىليونغا يېقىن ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەن. «ZARA» قاتارلىق ئۆزىگە رەقىب ماركىلارنىڭ لايىھەلىرىنى كۆچۈرۈپ ئۇنى ئىنتايىن ئەرزان باھادا ساتىدىغان «شېيىن» يەنە ئەرەب خېرىدارلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن دىنىي يوسۇنلارغا ماسلاشتۇرۇلغان ئۇزۇن يوپكا، كەڭ ئىشتان، كافتان قاتارلىق ئەرەبچە كىيىملەرگە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس تۈرلەرنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرغان بولغاچقا ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئالاھىدە ياخشى كۆرۈلىدىكەن.

ماقالىدا «شېيىن» ماركىىسنىڭ مانا مۇشۇنىڭدەك بازار ئىستراتېگىيەلىرى ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىشتەك قورقۇنچلۇق رېئاللىقنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى، ئەسلىدىلا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ناچار شارائىتلاردا ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ ھەر تۈرلۈك خىمىيەلىك ماددىلاردىن زەھەرلىنىشى، ھەددىدىن زىيادە چارچىشىدەك ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «شېيىن» ماركىسىنىڭ 2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسەتلىرىنى باشلىغاندىن تارتىپ بۇ زۇلۇمغا شېرىك بولۇۋاتقانلىقى تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

ماقالىدا ئاۋسترالىيەدىكى ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ (ASPI) ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ھەققىدىكى تەتقىقاتى ۋە شۇنداقلا ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى، جەمئىيەتشۇناس دىلنۇر رەيھاننىڭ سۆزلىرىگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق تونۇشتۇرۇلغان.

خەۋەر تۆۋەندىكى سۆزلەر بىلەن ئاياغلاشقان: «دىلنۇر سۆزىدە مودا كىيىم-كېچەك شىركەتلىرىنىڭ جىنايىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە غەربلىك سىياسىيونلارنىڭ ھارماي-تالماي كۈرەش قىلىشى بىلەن ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، بىراق مۇسۇلمان رەھبەرلەرنىڭ خىتاينى ئىنسانىيەتكە قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرمايۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە مۇسۇلمان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى دەرھال ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشقا چاقىردى».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.