خىتاي دائىرىلىرى مەسچىت ئىماملىرىغا خىتاي ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تىلىنى ئۆگىنىش تەلىپى قويغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019.01.09
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا مۇسۇلمان ئىمام-خاتىپلىرىغا يوليورۇق بېرىپ، ئۇلارغا خىتاينىڭ ئەنئەنىۋى ئۆرپ ئادەتلىرىنى ۋە خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتايدا چىقىدىغان «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 9‏-يانۋار خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەلەپنىڭ قويۇلۇشىدىكى مەقسەت دىنىي زاتلارنى دىنىي ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇپ، رايوننىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىگە تۆھپە قوشۇشىغا يېتەكلەش ئىكەن. بۇ تەلەپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دىنىي ۋە مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رايوندىكى مۇسۇلمان دىنىي زاتلارغا ئاچقان سىياسىي ئۆگىنىش كۇرسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ تەلەپ خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن شەنبە كۈنى خىتايدىكى 8 ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىپ، ئىسلامنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» نىڭ 5 يىللىق پىلانىنى ئېلان قىلغان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

دائىرىلەر5 يىللىق پىلاننىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، لېكىن بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ 5 يىللىق پىلانى ئىسلامدىكى ھالال-ھارام، نىكاھ، زاكات، روزا، ھىجاپ دېگەندەك مۇسۇلمانلارنىڭ خىتاي جەمئىيىتىگە ئاسسىمىلياتسىيە بولۇشىغا توسالغۇ دەپ قارالغان بەزى تۈپ پرىنسىپلىرىنى بىكار قىلىشقا قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، 1‏-يانۋار كۈنى ئۈرۈمچىدە باشلانغان سىياسىي ئۆگىنىش كۇرسىدا مۇسۇلمان دىنىي زاتلىرىنىڭ «ئەنئەنىۋى خىتاي ئۆرپ-ئادەتلىرى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تارىخى، بولۇپمۇ خىتاي ۋە شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان تارىخى ۋە خىتاي تىلىنى ئۆگىنىشى تەلەپ قىلىنغان.»

8‏-يانۋار كۈنى خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بۇ باياناتتا مۇسۇلمان دىنىي زاتلىرىنىڭ «رادىكال دىنىي ئىدىيەلەرگە قارشى تۇرۇشى، ئىناقلىقنى ئالغا سۈرۈشى، ئېتىقادچى ئاممىنىڭ مىللىي ئىتتىپاقلىقنى كۆز قارچۇغانى ئاسرىغاندەك ئاسرىشى ۋە ئۆز ھاياتىنى قوغدىغاندەك قوغدىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەكلىكى» تەكىتلىگەن.

«يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى يېقىندا دىنىي زاتلارنىڭ ھەرىكىتىگە دائىر بىر نىزام ماقۇللىغان. خىتاي ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جىن رۇبىن «بۇ نىزامدا مۇسۇلمان دىنىي زاتلىرىنىڭ ھەرىكىتى ئۆلچەملەشتۈرۈلگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. لېكىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ نىزام دىنىي زاتلارنىڭ 5 يىللىق پىلان بويىچە ئىسلامدىكى بەزى تۈپ دىنىي پرىنسىپلارنى ئۆزگەرتىشكە قارشى تۈرۈشىنى كونترول قىلىپ، ئۇلارنىڭ 5 يىللىق پىلانغا ماسلىشىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.