ئىسپانىيە ساقچىلىرى چارشەنبە كۈنى تېلېفوندا ئالدامچىلىق قىلىدىغان 200دىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر خىتاي ئالدامچىلار شايكىسىنى تۇتقۇن قىلغان.
ئىسپانىيە ساقچى دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ ھەممىسى خىتاي پۇقراسى ئىكەن.
ئۇلار ھازىرغا قەدەر تېلېفوندا ئالدامچىلىق قىلىپ، خەلقنىڭ 16 مىليون ياۋروسىنى ئالداپ كەتكەن. بۇ كىشىلەر مادرىدنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەر، بازار ۋە بارسېلونا قاتارلىق شەھەرلەردە قولغا ئېلىنغان.
ئىسپانىيە ساقچى ئىدارىسىنىڭ باياناتىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ئالدامچىلار شايكىسى قوشنا-قولۇم ۋە ئۇرۇق-تۇغقان قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى پۇقرالارغا تېلېفون قىلىدىكەن ھەم ئۇلارنى ئالدامچىلاردىن سەگەك بولۇشقا ئاگاھلاندۇرىدىكەن، كېيىنكى تېلېفونلىرىدا بولسا ساقچى قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ، قويمىچىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى ئالدايدىكەن. ئۇلارنىڭ قويمىچىلاردىكى پۇللىرىنى ئېلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىپ، ئالدامچىلار شايكىسىنىڭ بانكا ھېسابىغا پۇل ياتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىدىكەن. شۇنداق قىلىپ ئۇلار 16 مىليون ياۋرونى ئالداپ كەتكەن. ئىسپانىيە دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلار مەزكۇر ئالدامچىلار شايكىسىنىڭ ئىسپانىيەدىكى 13 ئۇۋىسىنى پاش قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئالدامچىلىق ۋەقەسى ئۈستىدىن ئاۋۋال خىتاي ساقچىلىرى تەكشۈرۈش باشلىغان. چارشەنبە كۈنكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئىسپانىيە ساقچىلىرى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان.