ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكالىقلارنى خىتايغا ساياھەتكە بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى

ئىسرائىلىيە-خاماس ئۇرۇشى پارتلاپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەت جىددىيلەشكەندىن كېيىن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چەت ئەلگە، جۈملىدىن خىتايغا ساياھەتكە بارماقچى بولغان ئامېرىكالىقلارنى ئاگاھلاندۇرغان.

23-ئۆكتەبىر كۈنى، «بۈگۈنكى زامان» (The Epoch Times) تورى بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىپ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قاراپ بۇ ئۇقتۇرۇشنى چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، «دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ۋەزىيەتنىڭ بارغانچە كەسكىنلىشىپ كېتىشى، ئامېرىكا پۇقرالىرىغا قارىتىلغان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى، تەھدىت ۋە زوراۋانلىق قىلمىشلىرىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشى» چەت ئەلگە چىقماقچى بولغان ئامېرىكا پۇقرالىرىغا خەتەر ئېلىپ كېلىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇش 2022-يىلىمۇ بېرىلگەن بولۇپ، ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ كاتتىۋېشى ئايمان ئەلزاۋاھىرىغا زەربە بېرىلگەندىن كېيىن، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشتا ئېھتىيات قىلىشى كېرەكلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكالىقلار ھازىرچە بارسا بولمايدىغان دۆلەتلەرنى 4 دەرىجىگە بۆلگەن بولۇپ، 4-دەرىجىدىكى دۆلەتلەر ئىچىدە رۇسىيە، ئۇكرائىنا، شىمالىي كورېيە، ئىران، ئىراق، ئافغانىستان، سۈرىيە، يەمەن، ئىسرائىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بار ئىكەن. ئۇلار ۋەزىيىتى قالايمىقان، تېررورلۇق ۋە توقۇنۇش يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچراش خەۋپى كۈچلۈك دۆلەتلەر ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى «3-دەرىجىلىك خەۋپلىك دۆلەت» قاتارىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، «خىتايغا ساياھەتكە بارماقچى بولغانلار ئوبدان ئويلانسۇن، چۈنكى خىتاي كومپارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنىڭ يەرلىك قانۇنلىرىنى، جۈملىدىن چېگرادىن كىرىش-چىقىش قانۇنلىرىنى خالىغانچە ئىجرا قىلىدۇ، ئامېرىكا پۇقرالىرىنى خاتا تۇتۇپ قويۇش خەتىرى بار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان.