مايىك پومپېيو: «ئىسرائىلىيە خىتاي كومپارتىيەسىنى كۈچلەندۈرىدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتنى توختىتىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ۋاشىنگتون كۆزەتكۈچىسى» (Washington Examiner) گېزىتىنىڭ 13-ماي بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپېيو ئىسرائىلىيە زىيارىتىدە ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرىگە سىياسىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، «ئىسرائىلىيە خىتاي كومپارتىيەسىنى كۈچلەندۈرىدىغان ھەرقانداق تۈرلەردىكى ھەمكارلىقنى توختىتىشى كېرەك»، دېدى.

پومپېيو خىتاينىڭ يەرشارىدىكى تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ئائىت ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇشى پەقەت بېيجىڭنىڭ دۇنياغا قىلغان تەھدىتىنىڭ «مۇز تاغنىڭ كۆرۈنگەن ئۇچى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتاي ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئەقلىي-مۈلكىدىن نەچچە يۈز مىليون دوللار ئوغرىلايدىغانلىقىنى، جەنۇبىي دېڭىزدا ياپونىيەنى تىنچ قويمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: «خىتاي دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كىچىك دۆلەتلەرنى بوزەك قىلماقتا. ئۇيغۇرلار، خوڭكوڭلۇقلارغا قىلغان مۇئامىلىسىدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بىز خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىنىڭ كۈچىيىشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك».

دېمەك، مايك پومپېيو بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىسرائىلىيە زىيارىتىدە قىلغان سۆزىدىمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان تەقىبلەش سىياسىتىنى تىلغا ئالغانىدى.

پومپېيو يەنە مۇنداق دېگەن: «ئىسرائىلىيە ئامېرىكانىڭ ئەڭ يېقىن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى. ئەمما ئىتتىپاقداشلىق، مەسئۇلىيەتتىن كېلىدۇ، ئىسرائىلىيەنىڭ بىزنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبىمىز بىلەن مۇناسىۋەت قىلىشتىن ساقلىنىشى ھەققىدىكى تەلىپىمىز ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك».


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت