ئىستانبۇل ھۇجۇمچىسىنىڭ سالاھىيىتى ئېنىقلاندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2016-03-21
Share

تۈركىيە دائىرىلىرى 19 - مارت شەنبە كۈنى ئىستانبۇلنىڭ ئىستىقلال كوچىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمىدىكى تېررورچىنىڭ دائىشنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەفكان ئەلا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا «ۋەقە سادىر قىلغۇچىنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلدى، مەھمەت ئۆزتۈرك، 1992 - يىلى توغۇلغان، تۈركىيەنىڭ غازىئانتەپ ۋىلايىتىدىن بولۇپ، دائىش بىلەن ئالاقىسى بار، لېكىن تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ قولغا ئېلىش تىزىملىكىدە يوق» ‹دېگەن.

19 - مارت چۈشتىن بۇرۇن ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ئاۋات سودا رايونلىرىدىن بولغان ئىستىقلال كوچىسىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، ئادەم بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 36 كىشى يارىلانغان. مەزكۇر ھۇجۇم ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدىن بىر ھەپتە كېيىن يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 37 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ھۇجۇمنى تۈركىيەدىكى تېررورچى گۇرۇھ PKK يەنى «كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيەسى» گە تەۋە «كۇردىستان ئازادلىق شۇڭقارلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات ئۈستىگە ئالغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت