ئىستانبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا ئادەمبومبا ھۇجۇم يۈز بەردى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-03-20
Share


19 - مارت تۈركىيە ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ تاكسىم مەيدانى ئىستىقلال كوچىسىدا ئادەمبومبا ھۇجۇم يۈز بەردى. تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 4 ئادەم ئۆلدى، 36 ئادەم يارىلاندى.

مىنىستىر مەھمەت مۇئەززىنئوغلۇنىڭ ئاخباراتقا بىلدۈرۈشىچە، يارىلانغانلارنىڭ ئارىسىدىكى 7 نەپەر يارىدارنىڭ ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر.

مۇنداق دېدى: «بۇ قاتىللار ئىنسانىيەتنى قەتلى قىلىۋاتىدۇ. مەن ئىنسانىيەت قاتىللىرىنى قاتتىق ئەيىبلەيمەن.»

ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارنىڭ ئىران ۋە ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى ئىكەنلىكى، يارىدارلارنىڭ 12 نەپىرىنىڭمۇ باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھۇجۇم شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 11 دا يۈز بەرگەن.

مەزكۇر ھۇجۇم 13 - مات ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدىن بىر ھەپتە كېيىن يۈز بەردى.

ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 37 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، ھۇجۇمنى تۈركىيەدىكى تېررورچى گۇرۇھPKK يەنى «كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيەسى» گە تەۋە «كۇردىستان ئازادلىق شۇڭقارلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تەشكىلات ئۈستىگە ئالغان.

ئەمما، شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا ھازىرغىچە ھېچكىم قولى بارلىقىنى جاكارلىمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت