ئىستامبۇلدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈلۈپ، شېھىتلار خاتىرىلەندى

يەكشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستامبۇل شەھىرىدە زور ساندىكى كىشىلەر يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ئالدىنقى ئايدا يۈز بەرگەن ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشنى ئەيىبلىگەن، يىغىلىشقا تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تايىپ ئەردوغانمۇ قاتنىشىپ سۆز قىلغان.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، «دېموكراتىيە ۋە شېھىتلار يىغىلىشى» دەپ ئاتالغان بىر قانچە يۈزمىڭدىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان يىغىلىشتا سۆز قىلغان پرېزىدېنت ئەردوغان 15 - ئىيۇل سىياسى ئۆزگىرىشى قوزغىغانلار جۈملىدىن فەتۇللا گۈلەننى قاتتىق ئەيىبىگەن. تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرم سۆزىدە فەتۇللا گۈلەننى تۈركىيە سوتىغا ئېلىپ چىقىش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

يىغىلىشتا ھەربىي تەرەپ ۋەكىلى ۋە باشقا پارتىيە رەھبەرلىرىمۇ سۆز قىلىپ سىياسى ئۆزگىرىش قوزغىغانلارنى ئەيىبلىگەن.

تۈركىيە رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىستانبۇلدىكى يەنىكاپى مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىلىشقا مىللەتچى ھەركەت پارتىيىسى، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسى قاتارلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرى قاتناشقان.

مەيداندا، شېھىتلەر ئۈچۈن بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلغاندىن كېيىن ئا ئىستىقلال مارشى ئوقۇلغان شۇنىڭدەك 15 - ئىيۇل شېھىتلىرى ئۈچۈن بىرلىكتە دۇئا قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىل دېموكراتىيە ۋە شېھىتلار يىغىلىشى پائالىيىتى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئۆتكۈزىلىدىكەن. ئىستانبۇلدىكى يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ ھەتتا مىليون كىشىدىن ئېشىشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.