تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى، ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ 7-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شۇ جاي ۋاقتى سەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 7ساقچى ۋە 4 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بايانات ئېلان قىلىپ، رامىزان كىرىشى بىلەن يۈز بەرگەن مەزكۇر تېررورلۇق پارتلىتىش ۋەقەسىنى قاتتىق ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارادىكى دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارمۇ مەزكۇر پارتلاشنى ئەيىبلەيدىغان باياناتلارنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ياۋروپا كېڭىشى پارلامېنتلار مەجلىسى 7-ئىيۇن ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىنلا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىستانبۇلدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە، ئىستانبۇل ۋالىيسى ۋاسىپ شاھىننىڭ ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتى نەقىل ئېلىنىپ، «پارتلاش ۋەقەسى ئىستانبۇل بەيازىت ۋەزنەجىلەر رايونىدا قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئاپتوموبىلى ئۆتۈۋاتقاندا يۈز بەردى. تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى پەن ۋە ئەدەبىيات فاكولتىتتىدا نۆۋەت تۇتۇش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ساقچىلارنى نىشان قىلغان. ۋەقەدە 7 نەپەر ساقچى 4 پۇقرا ئۆلدى» دېيىلدى.
مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە تاراتقۇلارغا يوللانغان فوتو سۈرەتلىك خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ ۋەزنەجىلەر رايونىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر تېررورلۇق ھۇجۇمىدا، تېخى يېقىندا رېمونت ئىشلىرى تاماملانغان «شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى» نىڭ ئىشىك، دېرىزىلىرىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان.
