سەيشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ئايرودرومىدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ئادەم سانى ئەسلىدىكى 36 دىن بۈگۈنگە كەلگەندە 41 گە يەتتى، يارىلانغانلار سانى ئەسلىدىكى 147 نەپەردىن 239 نەپەرگە ئۆرلىدى.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، سەيشەنبە كۈندىكى ھۇجۇمنى 3 نەپەر قوراللىق ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچىلار ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئۇلار باشتا ئاپتوماتىك قوراللار بىلەن ئايرودرومنىڭ ئوخشىمايدىغان جايلىرىغا ھۇجۇم قىلغان، كېيىن ئۆزلىرىنى پارتلاتقان.
ھالبۇكى، ھۇجۇم جەريانى ۋە ئورنى ھەققىدە ئوخشىمايدىغان مەلۇماتلار مەۋجۇت بولۇپ، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت دائىرىلىرى كۆزىتىش ئاپپاراتىدىكى كۆرۈنۈشلەر ۋە شاھىتلارنىڭ بايانلىرىغا ئاساسلىنىپ ئېنىق خۇلاسە چىقىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تۈركىيەدىن چىقىدىغان «خەبەرتۈرك» گېزىتىدە كۆرسىتىشىچە، بىر ھۇجۇمچى ئايرودرومنىڭ سىرتىدا ئۆزىنى پارتلاتقان، باشقا ئىككىسى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى يېنىدا ئوق چىقارغان. خەۋەرگە قارىغاندا، بۇلارنىڭ بىرى يولۇچىلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ ئۆزىنى پارتلاتقان. 3-ھۇجۇمچى يەنە بىر قەۋەت ئۈستىگە چىقىپ خەلقئارا ئۇچۇش ئېغىزىدا ئۆزىنى پارتلاتقان.
تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان مەزكۇر ھۇجۇمنىڭ ئارقىسىدا «ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىيلىرى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە «ئىسلام دۆلىتى» ھۇجۇمنى ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرمىدى.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قازا قىلغانلارنىڭ ئارىسىدا ئاز دېگەندە 23 نەپەر تۈرك ۋە 13 نەپەر چەتئەل پۇقراسى بار ئىكەن.
تۈركىيە چارشەنبە كۈنىنى دۆلەتلىك ماتەم كۈنى دەپ ئېلان قىلىپ، بۇ كۈنى مەزكۇر ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارغا ھازا تۇتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدا 103 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئەينى چاغدا تۈرك بايرىقىنى يېرىم چۈشۈرۈپ ھۇجۇمدا قازا قىلغانلارغا 3 كۈن ماتەم تۇتقان ئىدى.