تۈركىيە ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى ئىستانبۇل ئاتاتۈرك خەلقئارا ئايرودرومىغا ھۇجۇم قىلغان ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرىنىڭ رۇسىيەلىك، بىرىنىڭ ئۆزبېك، بىرىنىڭ قىرغىز ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. ئەمما قىرغىزىستان، ھۇجۇمچىلارنىڭ بىرىنى قىرغىز، دەپ ھۆكۈم قىلىش ھازىرچە بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
قىرغىزىستاننىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق دىپلوماتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، DNA نەتىجىسى چىقىشىغا يەنە 5-6 كۈن كېتىدىكەن.
سەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ھۇجۇمدا 44 ئادەم ئۆلگەن، 200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە بىر ئۇيغۇر ياش بالا بار ئىدى. تېررورچى گۇرۇھ-دائىش ھازىرغا قەدەر ھۇجۇمنى ئاشكارا ئۈستىگە ئالمىغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى ھۇجۇمدا دائىشنىڭ قولى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
تۈرك ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پەيشەنبە كۈنى تۈركىيەنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئاقتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىپ، 13 گۇماندار قولغا ئېلىنغان، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ 3 نەپىرى چەتئەللىككەن.
تۈرك ھۆكۈمىتىنىڭ ھۇجۇمنى قىرغىز، ئۆزبېك ۋە رۇسىيەلىك دائىشچىلارنىڭ ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلىشى بىلەن خەلقئارا ئاخباراتنىڭ دىققىتى دائىشنىڭ تەركىبىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق جىھادچىلارغا بۇرالدى.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خەلقئارا كرىزىس گۇرۇپپىسى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانلىق جىھادچىلارنىڭ سانى 4 مىڭغا يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.