ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تاقىۋېتىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
بۈگۈن، يەنى 26 - سېنتەبىر ئىستىقلال تورى خەۋەر بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش شىتابى ئىستانبۇلدىكى ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
-
مۇخبىرىمىز قۇتلان
2016-09-26 -
-
-
بۈگۈن، يەنى 26 - سېنتەبىر ئىستىقلال تورى خەۋەر بېرىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باش شىتابى ئىستانبۇلدىكى ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسىنى تاقىۋەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسى شىركىتى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىدارە - ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن. ھەتتا بەزى ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرنى ئىنكار قىلغان.
ھالبۇكى، تۈركىيە پەن - تېخنىكا ۋە ئۇچۇر ئالاقە ئىدارىسىنىڭ رەسمى تور بېكىتىدە ئىستىقلال تېلېۋىزىيە تورىنىڭ تاقالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلگەن. ئۇنىڭدا ئەنقەرە گۈلباشى سوت مەھكىمىسىنىڭ 2016 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى 2016/1034 نۇمۇرلۇق قارارىغا ئاساسەن تۈركىيە پەن - تېخنىكا ۋە ئۇچۇر ئالاقە ئىدارىسىنىڭ ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى تور بېكىتىنى رەسمىي تاقىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. بۇ قارار تۈركچە ھەم ئىنگلىزچە ئىككى تىلدا بېرىلگەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسى شىركىتى تۈركىيە ئاساسىي قانۇنىدىكى ھوقۇقلارغا ئاساسەن تۈركىيە پەن - تېخنىكا ۋە ئۇچۇر ئالاقە ئىدارىسىنىڭ بۇ قارارىغا ئېتىراز بىلدۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە تۈركىيە رەئىس جۇمھۇرىغا بۇ ھەقتە ئەرز سۇنغان شۇنداقلا مەخسۇس ئادۋوكات تۇتۇپ قانۇنىي يول بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
ئىگىلىنىشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىستىقلال تور تېلېۋىزىيەسىنىڭ تاقالغانلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانماقتىكەن شۇنداقلا ئۇنىڭ پات ئارىدا قايتا ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتىكەن.