ئىتالىيە «بىر بەلباغ بىر يول» دىن چېكىنگەن بولسىمۇ، مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغا چەك قويمىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز جەۋلان تەييارلىدى
2024.05.08

ئىتالىيە ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىدىن چېكىنگەن بىردىنبىر ياۋروپا دۆلىتى بولۇپ قالغان ۋە ماختاشلارغا سازاۋەر بولغانىدى. ھالبۇكى ئىتالىيە ئىزچىل تۈردە خىتاينىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا ئىمپورت چەكلىمىسى قويمىغانلىقى مەلۇم.

كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتلىرىدىن «مۇھاپىزەتچى» (Safeguard Defenders) نىڭ باش دىرېكتورى لاۋرا خارت (Laura Harth) 8-ماي كۈنى بۇ ھەقتە X دە ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، «ئىتالىيە ئۇيغۇر رايونىدىن بىۋاسىتە كېلىدىغان پويىزغا قاچىلانغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىتالىيە زېمىنىغا كىرىشىگە يول قويدى» دېگەن ۋە بۇنىڭ ئىتالىيەنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» پىلانىدىن چېكىنىشى بىلەن تۈپتىن سىغىشمايدىغان ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

«مۇھاپىزەتچى» تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى بۇ مەسىلە توغرۇلۇق ئىتالىيەنىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىسىگە كوللېكتىپ مەكتۇپ يوللىغان. مەكتۇپتا  ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنى ئوتتۇرا ياۋروپا تۆمۈر يولىدىن ئىتالىيەگە ئېقىپ كىرىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈشكە چاقىرغان.

مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدا دېموكراتىك دۆلەتلەر ۋە خەلقئارا تاراتقۇلار ئىتالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2019-يىل خىتاي بىلەن تۈزگەن ‹بىر بەلباغ بىر يول› كېلىشىمىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئالقىشلىغانىدى. ھالبۇكى خىتاينىڭ ‹بىر بەلباغ بىر يول› لىنىيەسى بويىچە ئوتتۇرا ياۋروپادىن ئۆتىدىغان تۇنجى پويىزى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى بېسىپ، ئىتالىيە زېمىنىغا كىردى. بىز خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتلىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىتالىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە سودا ئەخلاقى ۋەدىلىرىگە خىلاپ بولغان بۇ ھەرىكىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز».

مەكتۇپتا يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ خىتاي تەشەببۇس قىلىۋاتقان «بىر بەلباغ بىر يول» بىلەن چەمبەرچاس باغلانغانلىقى پاكىتلىق ۋە تەپسىلىي بايان قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.