ئىتالىيە پارلامېنتى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى بېكىتىش مەسىلىسىدە تالاش-تارتىش كېلىپ چىققان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-04-07
Share

ئامېرىكانىڭ تەسىرى بىلەن كانادا، گوللاندىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بارغان جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتكەندىن كېيىن، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، ئىتالىيە پارلامېنتلىرى بىلەن ھۆكۈمەت ئارىسىدا بۇ ھەقتە مۇنازىرىلەر داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «سىياسەتچى» تورى 6-ئاپرېل ئېلان قىلغان بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىتالىيە پارلامېنتى خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش مەسىلىسىدە ئىتالىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلغان؛ ھۆكۈمەتتىكىلەر بولسا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىلىكىنى ئەيىبلىسىمۇ، ئۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشقا قارشى چىققان. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھۆكۈمەتتىكى سول قانات گۇرۇپپا بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي بىلەن دىپلوماتىك توقۇنۇش پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئىتالىيە بىرلەشمە ھۆكۈمىتى يېڭىدىن بىر لايىھە تۈزۈپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى» دېگەن سۆزنى بىكار قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» دەپ ئاتاش تەكلىپى بەرمەكچى بولغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى لېبراللار ۋە سول قانات گۇرۇپپا خىتاينىڭ جىنايىتىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسا، ئىتالىيە پارلامېنتى ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئوڭ قانات گۇرۇپپا ئۇ جىنايەتنى چوقۇم شۇنداق ئاتاشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ ئەھۋال ئىتالىيە ھۆكۈمىتىدىكى ئوڭ قانات گۇرۇپپا بىلەن سول قانات گۇرۇپپىنىڭ بۆلۈنۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.

ئىتالىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى چارشەنبە كۈنى (7-ئاپرېل) ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ بېكىتىش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت