ئىتالىيە پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلەش قارارىنى ماقۇللىغان

2021-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى ئىتالىيە پارلامېنتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان ۋەھشىيلىكىنى ئەيىبلەش قارارىنى ماقۇللىغان.

ئىتالىيەدىكى خەۋەر تور بەتلىرى ۋە «زېمىستان» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە پارلامېنتى بىر نەچچە ئاي داۋاملاشقان مۇنازىرىدىن كېيىن، ئاۋام پالاتادا بىرلىككە كەلگەن تەكلىپ تېكىستىگە بىلەت تاشلاپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ۋەھشىيلىكلىرىنى ئەيىبلەشنى قارار قىلغان.

«زېمىستان» تورىنىڭ ئېيتىشىچە، گەرچە قارارنامىدا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دىيىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا كۈچلۈك ئىپادىلەر قوللىنىلغان. خىتاينىڭ قانۇنسىز تۇغۇت چەكلەش قىلمىشلىرى، دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇشى، مەجبۇرىي ئەمگەك، جازا لاگېرلىرى، خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇش ۋە كەڭ كۆلەملىك يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت قىلىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىق ۋەھشىيلىكلىرىگە ئائىت مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.

قارارنامىدا ئىتالىيە ھۆكۈمىتىدىن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى خەلقئارالىق سەۋىيەدە ئەيىبلەش ۋە شۇنداقلا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ياردەم بېرىش، مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق ماللارنى چەكلەش تەلەپ قىلىنغان. ھەمدە خىتايدىن ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنىڭ ئەمەلدارلىرى، مۇستەقىل كۈزەتكۈچىلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ شەرتسىز زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇش تەلەپ قىلىنغان.

ئىتالىيە ئاۋام پالاتاسى تاشقىي ئىشلار ۋە ياۋروپا ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فورمېنتىنى ئەپەندى بۇ قارارنىڭ ئارقىسىدىكى ئاساسلىق كۈچ بولۇپ، ئۇ بۇ قارارنامىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدىن كېيىن قىلغان سۆزىدە «ئىتالىيە پارلامېنتى خىتايغا ئېنىق سىگنال بەردى» دېگەن. ئۇ يەنە ئەسكەرتىپ: «غەربنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولغان ئىتالىيە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ھەرگىز چېكىنمەيدۇ،» دېگەن.