دائىرىلەر ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىختىساسلىقلار كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا
2016.04.06
«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھازىر ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنىڭ كەمچىل بولۇشى بارغانسېرى ئېغىرلاۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق نازارىتىنىڭ يېقىنقى تەكشۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، مائارىپ ساھەسىدىكى ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇش ھادىسىسى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، قەشقەر رايونىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئېھتىياجى ئەڭ زور ئىكەن. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئەھۋالىدا بۇ يىل بىرئاز ياخشىلىنىش مەۋجۇت ئىكەن.
مەزكۇر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلاردا دىيارىدا 26 مىڭدىن ئارتۇق ئىختىساسلىق كىشى كەمچىل ئىكەن. بۇنىڭدا قەشقەر رايونىنىڭ ئۆزىگىلا بەش مىڭدىن ئارتۇق خادىم كېرەك بولۇپ، ئومۇمىي نىسبەتنىڭ 21 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىكەن؛ خوتەننىڭ ئەھۋالى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بولۇپ، بەش مىڭغا يېقىن ئىختىساسلىق خادىمغا موھتاج ئىكەن؛ ئۈرۈمچىنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا ئىختىساسلىق خادىملارغا بولغان ئېھتىياج 1300 ئادەم ئازايغان.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدا «ئىختىساسلىق بولۇش» نىڭ ئۆلچىمى ئۈچۈن مەلۇم كەسپىي بىلىمگە ۋە تېخنىكىغا ئىگە بولۇش تەلەپ قىلىنغان. ئەمما «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا يېقىندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ سىستېمىسى تېلېۋىزىيە يىغىنى» دا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىيات يىلى» پائالىيىتىگە ماسلىشىش ئۈچۈن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى پىرىنسىپى ئاساسىدا «ئىختىساسلىق خادىم» لارنى كۆپلەپ تەربىيىلەش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ھالبۇكى، ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىزچىل ئىشسىز قېلىۋاتقان ئەھۋالدا «ئىختىساس ئىگىلىرى كەمچىللىكى» ھادىسىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئىچكىرىدىن تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىش ئۈچۈن باھانە سۈپىتىدە قوللىنىلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تەكىتلىمەكتە.









