خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار يەنىمۇ كۆپلەپ ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلىپ «ئىختىساسلىق مەمۇرىي كادىرلار» سۈپىتىدە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.
«خەلق تورى»نىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىشتا ئاساسىي قاتلام ۋە بولۇپمۇ جەنۇبتىكى ۋىلايەتلەرنىڭ خىزمەت كۈچلىرى نۇقتىلىق تولۇقلىنىدىكەن. بۇ جايلارغا «ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن كەنت كادىرلىرى» نى قوبۇل قىلىش نىسبىتى 30% كە ئۆستۈرۈلىدىغان بولسىمۇ، بىراق قوبۇل قىلىنىدىغانلارنىڭ مەلۇم سالمىقىنىڭ ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا.
خەۋەردە بۇ ھەقتە: «بۇ يىل ئاپتونوم رايوندا جەنۇبىي شىنجاڭ مەمۇرىيلىرىنىڭ قوبۇل قىلىنىش سانى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا-بازارلىرىغا ئىچكىرىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش پىلانىغا كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە قۇرىدىغان تايانچ كۈچلەر تەربىيەلىنىدۇ.» دېيىلگەن.
تېخى يېقىندا، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دىنىي ۋە مىللىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جۇ ۋېيچۈن بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىن داۋامىدا سۆز قىلىپ، خىتايدا مىللەتلەرنىڭ قوشۇلۇشىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىدىكىلەرنى ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا بېرىشقا، ئاز سانلىق مىللەت رايوندىكىلەرنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە «ئىختىساسلىق خادىم» سۈپىتىدە كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەشكىللىك ھالدا ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلاردا ئىشلەشكە يۆتكەش سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن.
