«ئىيى» پارتىيەسى تۈركىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى قايتا ئوتتۇرىغا قويغان

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.11.21

تۈركىيەدىكى مۇھىم ئۆكتىچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىكىدىكى ۋەكىللىرىدىن ئىبراھىم خېلىل ئورال 20-نويابىر كۈنى پارلامېنت مەجلىسىدە تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار سوئاللارنى قويغان ھەمدە ئۇنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى كەسكىن تەنقىدلىگەن.

ئۇنىڭ تىۋېتتېر بېتىدە ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ۋىدىيولۇق خاتىرىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرلىقى تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا پۇقرالىق بېرىش مەسىلىسىدە «تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالىدۇ» دېگەن ئەندىشە تۈپەيلىدىن بۇ ئىشنى ئارقىغا سۈرۈپ كەلگەن. ئىبراھىم خېلىل ئورال تۈركىيە پارلامېنتىدىكى مەجلىستە ئېنىق قىلىپ: «مىنىستىر ئەپەندىم! خىتايدىكى قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ كەلگەن يۈزلەرچە ئۇيغۇرنىڭ تۈركىيە ۋەتەنداشلىقى ھەققىدىكى ئىلتىماسىنى ‹دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن تەھدىت پەيدا قىلىدۇ› دېيىشىڭىزنىڭ سەۋەبى 3-نويابىر كۈنى تۈركىيەگە كېلىپ كەتكەن خىتاي ج خ مىنىستىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچىسى بىلەن بولغان سۆھبەتمۇ؟» دەپ سوئال قويغان.

ئىچكىي ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇ ئۇنى ئەيىبلەپ: «سىز ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە ۋاستە قىلىش ھەققىدىكى باياناتىڭىزنى ئوقۇۋاتىسىز، شۇنداقلا تۈركىيە دۆلىتىنى ئەيىبلەۋاتىسىز؟» دېگەن. ئىبراھىم خېلىل ئورال بۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرۇپ: «مەن پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئاھۇ-پەريادىنى ئوقۇۋاتىمەن. مېنىڭ تۈركىيەگە بولغان ساداقىتىم يىلىكلىرىمگە قەدەر ئۇيۇپ كەتكەندۇر» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە «50-ئيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەپ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» قىلدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە زور بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارغا پاناھ جاي بولغان. ئەمما كېيىنچە تۈركىيە-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر تۈپەيلىدىن، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەيدانىمۇ ئىزچىل ئۆزگىرىپ تۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.