ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال - «ئىز» نىڭ تۇنجى سانى يورۇق كۆردى

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017.08.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا بېغىشلانغان ئۇنىۋېرسال ئەدەبىي ژۇرنال - «ئىز» نىڭ تۇنجى سانى يېقىندا ئىستانبۇلدا يورۇق كۆردى.

مەزكۇر ژۇرنال ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرىدىن مۇرات ئورخۇننىڭ ساھىبلىقىدا چىقىرىلغان بولۇپ، مۇيەسسەر ئابدۇلئەخەت خەندان باش مۇھەررىرلىكنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن 15 كىشى تەھرىر ھەيئەتلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.

مەزكۇر ئەدەبىي ژۇرنالنىڭ بىرىنچى بېتى ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر خاتىرىسىگە، بالىلارغا ئاتاپ، ھېكايىلەر باغچىسى، شېئىرىيەت گۈلزارى، بىلىم ۋە تەتقىقات، ئەدەبىي ئۇچۇرلار قاتارلىق مەخسۇس سەھىپىلەر ئېچىلغان.

«ئىز» ژۇرنىلىنىڭ تۇنجى سانىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى يازغۇچى-شائىرلارنىڭ يېقىنقى نادىر ئىجادىيەتلىرىدىن ئۆرنەكلەر بېرىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا يەنە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ئەدەبىي ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرىمۇ ئورۇن ئالغان.

ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمىنىڭ «ئىز» ژۇرنىلى ھەققىدە بەرگەن تەھرىر ئىلاۋىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «مەزكۇر ژۇرنال ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى كلاسسىك ۋە نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەرگە تەقدىم قىلىش، ئۇيغۇر تىلىدا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان كەسىپ ئىگىلىرى ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئېلان قىلىش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئەدەبىي تىلىنى باشقا تۈرك مىللەتلىرىگە تونۇشتۇرۇش شۇنداقلا ئۇيغۇر تىلىدىكى بىر ژۇرنالنى مەزمۇن ۋە سۈپەت جەھەتتىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارادىكى سۈپەتلىك ئەدەبىي ژۇرناللارنىڭ سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلغان پەسىللىك ئەدەبىي ژۇرنالدۇر.»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.