«سودا ئىچكى خەۋەرلەر» تورىدا بېرىلگەن بىر مۇلاھىزىگە قارىغاندا، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ رادارغا كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئامېرىكىنىڭ F-35 ۋە F-22 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىغا ھەرگىز تەڭ كېلەلمەيدىكەن.
مەزكۇر مۇلاھىزە خىتاي ھۆكۈمىتى 31-ئىيۇل ئۆز ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 90 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىچكى موڭغۇلدا بىر ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈپ ئۆزىنىڭ ھەرخىل ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تانكىلىرىنى كۆز-كۆز قىلىپ بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
مۇلاھىزىگە قارىغاندا، خىتاي بۇ نۆۋەتلىك پاراتتا ئۆزنىڭ راداردا كۆرۈنمە كۈرەشچى ئايروپىلانى J-20 نى ئۇچۇرغان.
مۇلاھىزىدە خىتاينىڭ يۇقىرىقى ئايروپىلانىغا ئىشلىتىلگەن راداردا كۆرۈنمەس تېخنىكىلارنىڭ ئامېرىكىدىن ئورۇنلانغانلىقى ھەمدە مەزكۇر تېخنىكىلار بىرلەشتۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن J-20 كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىدىكى ئاجىز نۇقتىلارغا زەربە بېرىمىز، دېگەن خىيال بىلەن لايىھىلىگەنلىكى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.
ماقالىدە رۇسىيەنىڭمۇ شۇنداق تېخنىكىلارنى سىناق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: «ھالبۇكى، ئامېرىكا راداردا كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى ياساش ۋە ئىشلىتىشتە نەچچە ئون يىللىق تەجرىبىگە ئىگە، بۇلار خىتاي ۋە رۇسىيە تور جاسۇسلىرى ئوغرىلاپ يېتىشىپ بولالمىغۇدەك دەرىجىدە ئىلگىرىلەپ كەتتى.»
ماقالىدە دەم ئېلىشقا چىققان ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى گېنېرال مايورى مارك باررېتنىڭ ئامېرىكا، خىتاي ۋە رۇسىيە ئارىسىدىكى تېخنىكا پەرقى ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ئورۇن بېرىلگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «رۇسىيەمۇ راداردا كۆرۈنمەس ئايروپىلانلارنى ياساش تېخنىكىسى ئىلگىرى سۈرمەكتە، خىتايمۇ ھەم شۇنداق، ئەمما بىز بۇ تېخنىكىنى 40 يىلدىن بېرى ئۆگىنىپ كېلىۋاتىمىز»
ماقالىدە يەنە ئۆز خىزمىتىدىكى مەخپىيلىك تۈپەيلى نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئايروپىلان مۇتەخەسسىسنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇ، خىتاينىڭ J-20 ۋە رۇسىيەنىڭ T-50 تىپلىق راداردا كۆرۈنمەس ئايروپىلانلىرىنى ئايروپىلان ياساش تېخنىكىسىدىكى يېتەرسىزلىك تۈپەيلى «مەينەت كۈرەشچى ئايروپىلانلار» دەپ ئاتىغان.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىڭ سىرتقى يۈزىنى دەرىجىدىن تاشقىرى سىپتا قىلىپ ياساشتا قوللىنىلىدىغان ئېنىقلىقى يۇقىرى ئۈسكۈنىلىرى كەم ئىكەن.
ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ راداردا كۆرۈنمەس ئايروپىلانلىرىنىڭ قانات ۋە باشقا جايلىرىغا كۆپلىگەن ئۈسكۈنىلەر ئېسىلغان بولۇپ، بۇلار ئايروپىلانلارنىڭ راداردا كۆرۈنمەس ئالاھىدىلىكىگە مەنپىي تەسىر بېرىدىكەن.
ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ راداردا كۆرۈنمەس ئايروپىلانلىرىدا بۇ خىلدىكى كەمچىللىك پۈتۈنلەي ھەل قىلىنىپ بولۇنغان.ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ راداردا كۆرۈنمەس ئايروپىلانلىرى، چىشىدىن تىرنىقىغىچە قوراللانغان F-15S ،F-16S ۋە F/A-18 تىپلىق قىرغۇچى ئايروپىلانلار بىلەن ئالاقە قىلالايدىكەن ھەمدە ئۇلار بىلەن ياندىشىپ جەڭگە كىرەلەيدىكەن.
ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىغا قارىغاندا، يۇقىرىقى سەۋەبلەردىن ئامېرىكىنىڭ F-35S ۋە F-22S تىپلىق راداردا كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى يۇقىرىدا ساناپ ئۆتۈلگەن كونا تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئاتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى نىشانغا يېتەكلەپ قويۇپ، ئۆزى بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپمۇ جەڭ مەيدانىدا ئاسانلا ئۈستۈنلۈك قازىنالايدىكەن.
خىتاي ئۆزىنىڭ J-20 تىپلىق راداردا كۆنمەس ئايروپىلانىنى 2011-يىلى تۇنجى رەت ئۇچۇرغان. بۇ خىلدىكى ئايروپىلانىدىن ھازىرغا كەلگۈچە پەقەت 20 نەچچىسى ياسالغان. خىتاي ئاخباراتلىرى مەزكۇر ئايروپىلانلارنىڭ 2017-مارتتا رەسمىي ۋەزىپىگە تاپشۇرۇلغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
ئۇنىڭ ئەكسىچە، ئامېرىكىنىڭ F-22 تىپلىق راداردا كۆرۈنمەس ئايروپىلانى 1997-يىلى تۇنجى قېتىم سىنالغان ۋە 2012-يىلى ھاۋا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇلغان.
بۇ ھەقتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى بۇ خىلدىكى ئايروپىلاندىن جەمئىي 195 نى سېتىۋالغان.
