جېيمىس مىلۋارد: «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى كومپارتىيەنىڭ نېگىزلىك ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ بەردى»

ئامېرىكادىكى ئاتاقلىق ئۇيغۇرشۇناس، ئامېرىكا جورجىتوۋېن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى جېيمىس مىلۋارد 20‏-نويابىر كۈنى «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ھۆججەتلىرى» ئۇنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى نامايان قىلىپلا قالماي، ئۇنىڭ نېگىزلىك ئاجىزلىقىنىمۇ ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

پروفېسسور مىلۋاردنىڭ قەيت قىلىشىچە، بۇ ھۆججەتلەر «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىنىڭ مەنتىقىسى ۋە ئۇنىڭ ئىجرائات ئەھۋالىنى ئاشكارىلاپ، ئۇنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىنىڭ فۇنكىتسىيەسىنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقى توغرىسىدا بىر رۇجەك ئېچىپ بەرگەن. جېيمىس مىلۋاردنىڭ «شىنجاڭ ھۆججەتلىرىدىكى ئىككى لىنىيە ئارىسى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، «بۇ ھۆجججەتلەر خىتاي كومپارتىيەسىگە دائىر ئىككى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى: بىرى، ئۇنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى، يەنە بىرى ئۇنىڭدىكى نېگىزلىك ئاجىزلىقى» دېيىلگەن.

«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى 16‏-نويابىر كۈنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىنى قۇرۇپ، مۇسۇلمانلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەققىدىكى بىر مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلىغان. ھۆججەتتە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ يوڭجىنىڭ لاگېردىكى 7000 تۇتقۇننى قويۇپ بەرگەنلىكى، ئۇنىڭ لاگېرلار مەسىلىسىدە مەركەز بىلەن بىردەكلىكنى ساقلىمىغانلىقى سەۋەبلىك ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى تەكىتلەنگەنىدى. لېكىن، پروفېسسور مىلۋارد ماقالىسىدە ۋاڭ يوڭجىنىڭ «بىر قەھرىمان» دەپ قارالماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇنىڭدا ئۇ يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئىقتىسادى تەسىرگە ئۇچراپ، ئىقتىسادى كۆرسەتكۈچتىكى نىشانغا يېتەلمەسلىكنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر قىلىشىنى كۆزدە تۇتقان ئىكەن. لېكىن، جەيمىس مىلۋارد، بۇ ئەمەلدارلار يۇقىرىنىڭ سىياسىتىگە يوشۇرۇن قارشىلىق قىلىپلا قالماي، مانا ئەمدى ئۇنىڭ مەخپىي ھۆججىتىنى ئاشكارىلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇ كىشىلەرنى جازالاش ۋە چەتكە قېقىش ئارقىلىق ئۆزىنى خورىتىپلا قالماي، ئۇيغۇر رايونىنىڭ رېئاللىقىدىن يىراقلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن.