خەلقئارا جەمئىيەتتەن ياردەم سورىغان ئۈرۈمچىدىكى قازاق ئايال جانارگۈل جۈمەتاي خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2023.02.13
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ئىلگىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم سورىغان ئۈرۈمچىدىكى قازاق ئايال ژورنالىست جانارگۈل جۈمەتاي 10-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ئ‍ۈرۈمچى سايباغ رايونلۇق دۆلەت ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن ئانىسىنىڭ ئ‍ۆيىدىن ئېلىپ كېتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ ئېلىپ كېتىلگىنىگە 70 سائەتتىن ئاشقان بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز-دېرىكى يوق ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 8-فېۋرال كۈنى جانارگۈل جۈمەتاي ئېلىپ كېتىلىشتىن بۇرۇن، يەنى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئۆزىنى بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى، دەپ تونۇشتۇرغان بىرسى بېيجىڭدىن ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۈرۈمچىگە بېرىپ، ئۇنى زىيارەت قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.

رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارسى سايباغ رايونلۇق دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ خادىملىرى ئىككى كۈندىن كېيىن، يەنى 10-فېۋرال جۈمە كۈنى كەچ سائەت 5 دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، جانارگۈلنى ئانىسىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن. جانارگۈل جۈمەتاي ئىلگىرى قازاقىستانغا چىقىپ ئوقۇپ، بىر مەزگىل قازاقىستاندىكى تېلېۋىزيە ئىستانسىسىلىرىدا ژورنالىست بولۇپ خىزمەت قىلغان ئىكەن. لېكىن 2017-يىلى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائ‍ىرىلەر تەرىپىدىن «مۇكاپات بېرىمىز» دەپ چاقىرتىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىغا بارغاندا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى چەت ئەل تاراتقۇلىرىغا ئېيتىشىچە، ئۇ 2 يىلدەك لاگېردا ياتقاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن ئىكەن.

جانارگۈل جۈمەتاي ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا چەت ئەلدىكى قازاق مۇساپىرلىرى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەتتىن ئۆزىنىڭ قازاقىستانغا چىقىپ كېتىشى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇپ خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم سورىشى ۋە لاگېردىكى ئەھۋاللارنى ئاشكارلىشى، چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. يېقىندا تاراتقۇلار قازاقىستاننىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇنىڭغا تەكلىپنامە ئەۋەتكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىغا پاسپورت ئىلتىماس قىلىشقا بارغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.